تەرجىمىھال

ئابلىكىم ئەمەت

فوتوگراق ئابلىكىم ئەمەت

فوتوگراق ئابلىكىم ئەمەت 1963-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋەتىنىمىزدىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى خوشۇت ناھىيەسىدە ئوقۇغان. ئالىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن. ئابلىكىم ئەمەت كىچىكىدىنلا گۈزەل-سەنئەتكە، رەسىم سىزىش ۋە ھۆسن خەت يېزىشقا ئئشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا نەشىر قىلىنغان نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ھۆسن خەت ۋە فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. ئابلىكىم ئەمەت پەۋقۇلئاددە تالانتلىق فوتوگراف، ئۇنىڭ سۈرەتكە ئالغان ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەنزىرىسى، دەريالىرى، تاغلىرى، قەدىمكى دەرەخلىرى <داۋامى بار…“ئابلىكىم ئەمەت”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

خالمۇرات غوپۇر

خالمۇرات غوپۇر

خالمۇرات غوپۇر 1960-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىن خەنزۇ تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1982- يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شاڭخەي جۇڭيى ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن. مەكتەپ تەشكىلى ئۇنى مەكتەپكە ئېلىپ قېلىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئانا يۇرت سۆيگۈسى، شىنجاڭ بىلەن شاڭخەي ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردىكى چوڭ پەرىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۇ يەنىلا ئۆز يۇرتىغا- تەڭرىتاغ ئېتىكىگە قايتىپ كەلدى. خالمۇرات غوپۇر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تەشكىلنىڭ تەقسىماتىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتى. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئەمدىلا چىقىپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ شاۋقۇنلۇق دەرياغا شۇڭغۇغان خالمۇرات غوپۇر <داۋامى بار…“خالمۇرات غوپۇر”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئابدۇراخمان قاھار

ئابدۇراخمان قاھار

ئابدۇراخمان قاھار 1936-يىلى 11ـ ئايدا غۇلجا شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1945-يىلىدىن 1952-يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىسىنى غۇلجا شەھىرىدە ئالغان. 1952-يىلى 9-ئايدا غۇلجىدىكى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىغا كىرىپ بىر يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1953-يىلى 9-ئايدا سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇشقا كىرگەن ۋە 1956-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىلاردا مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن، كېيىن ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1988-يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان ئابدۇراخمان قاھار، دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى، <داۋامى بار…“ئابدۇراخمان قاھار”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئۆمەرجان نۇرى

ئۆمەرجان نۇرى

ئۆمەرجان نۇرى 1968-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ قاراساي يېزىسىدا بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى قاراساي، قويچى يېزىلىرىدا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قاراقاش ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1986-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە ئەلا نەتىجە بىلەن خىتاينىڭ چاڭچۈن شەھىرىدىكى شەرقى-شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى يىل تەييارلىق ئوقۇغاندىن كېيىن، شەرقى-شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۆت يىللىق تارىخ كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، 1992-يىلى خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپى (ھازىرقى خوتەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى) گە تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشقا چۈشكەن. 2000-يىللىرى بېيجىڭدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىخ پەنلىرىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. <داۋامى بار…“ئۆمەرجان نۇرى”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى

مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى

ئاتاقلىق تىلشۇناس، ئىجتىھاتلىق ژۇرنالىست، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تەتقىقاتچىسى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى ئەپەندى 1950-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلىدىن 1971-يىلىغىچە قايتا تەربىيەدە بولغان. 1983-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1991-يىلىدىن تارتىپ «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» دا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ مەنىسى» ناملىق كىتابى 1992-يىلى بېسىلغان. كېيىن يەنە «ئىسىمنى قانداق قويۇش كېرەك»، «ئىسىم قويۇش قوللانمىسى»، «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى» (1998) قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە 30 پارچىدىن ئارتۇق ماقالا ئېلان قىلغان، بۇ ماقالىلارنىڭ كۆپى «خەزىنىلەر ئاچقۇچى» (2006) ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. <داۋامى بار…“مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

جالالىدىن بەھرام

جالالىدىن بەھرام Jalalidin Behram

جالالىدىن بەھرام 1942-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غۇلجا شەھرىدە ھۆنەرۋەن (تىككۈچى) ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۈنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان خەلق ناخشىچىسى ھەم رەسسام ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ، خۇش-پېئىللىق ۋە چاقچاقچىلىق بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۇ زېرەك ھەم تېتىك چوڭ بولۇۋاتقان ئوغلىغا خەلق -چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەرخىل رەسىملەرنى كۆرسىتىپ، رەسساملىقنىڭ سېھرى-كۈچىنى تەرىپلەيتتى. شۇڭا، جالالىدىن بەھرام: «مېنىڭ يۇمران قەلبىمگە ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، رەسساملىق ۋە ئەدەبىيات بىخلىرىنى يېتىشتۈرگەن ئاتامنى ھەر دائىم مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن…» دەيدۇ. <داۋامى بار…“جالالىدىن بەھرام”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

غەنىزات غەيۇرانى

ئۇيغۇر قامۇسى

غەنىزات غەيۇرانى (1930-2007) كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1948-يىلىدىن 1950-يىلىغىچە شىنجاڭ دارىلفونۇنىدا ئوقۇغان. 1950-يىلىدىن 1953-يىلىغىچە سابىق ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1953-يىلىدىن 1955-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر دەرسلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1955-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تىلشۇناسلىق سىنىپىدا ئوقۇغان. 1957-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە مۇھەررىر، مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1962-يىلىدىن 1966-يىلىغىچە ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1980-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىدا تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. <داۋامى بار…“غەنىزات غەيۇرانى”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئەركىن سىدىق

ئەركىن سىدىق

ئەركىن سىدىق 1950-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى جۇڭگودا باشلانغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ قالايمىقانچىلىقى ھەممە يەرنى قاپلىغان مەزگىللەردە ئاقسۇدا تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىنى ئۇيغۇر دىيارىنى ئاچارچىلىق بېسىپ كەتكەن مەزگىلدە قوسىقى تويغۇدەك تاماق يېيەلمەي ئۆتكۈزگەن. باشلانغۇچ مەكتەپنى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ قالايمىقانچىلىقى ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاقسۇ شەھەرلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان (بۇ مەكتەپ ھازىر خەنزۇ مەكتەپ قىلىۋېتىلگەن ‏ـــــ مۇھەررىردىن). ئوتتۇرا مەكتەپنى «دېڭ شياۋپىڭنى كۆرەش قىلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ قويۇپ مەكتەپ باشقۇرۇش» ھەرىكەتلىرى بولىۋاتقان دەۋىردە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. نۇرغۇن ۋاقىتلىرى سىياسىي ھەرىكەتكە قاتنىشىش ۋە يېزا ئىگىلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، يېزا-زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەش بىلەن ئۆتكەن. <داۋامى بار…“ئەركىن سىدىق”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئۇيغۇر دوكتورلىرى

ئۇيغۇر قامۇسى

ئابدۇقادىر ھوشۇر (تىببىي، ياپونىيە)
ئاسىيە (تىببىي، فرانسىيە)
ئارزۇگۈل غۇلام (بېيجىڭ پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتى)
ئالىم تۇرسۇن (مۇھىت ئىلمى، جۇڭگو)
ئابدۇسالام جالالىدىن (جۇغراپىيە، ياپونىيە)
ئابدۇقادىر تاش (ئاخبارات، ئامېرىكا)
ئابدۇشۈكۈر ئېلىيۇف (فىزىكا)
ئاينۇر ئابدۇرازاق (كومپيۇتۇر، ئامېرىكا)
ئايجامال ئابدۇراھمان (ماتىماتىكا، گېرمانىيە)
<داۋامى بار…“ئۇيغۇر دوكتورلىرى”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

كۈرەش ئىبراھىم

ئۇيغۇر قامۇسى

80- يىللارنىڭ بېشىدا، مەرھۇم شائىر نۇرمۇھەممەد ئەركىينىڭ «كىمنىڭ بار ئاشۇنداق ئالىمى قېنى، پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى» دېگەن ئىككى مىسرا نەقرات قىلىنغان غەزىلى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىي يازغان قامۇس «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك – تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەشرى بىلەن تەڭ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىغا تارقىلىپ كىشىلەرنىڭ، خۇسۇسەن ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياشلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە كەلتۇرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئوتلۇق قەلبىگە مەھمۇد قەشقىرىيدەك ئالىم بولۇش ئىستىكىنىڭ ئۆچمەس مەشئىلىنى ياققانىدى. مەملىكىتىمىزنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر دوكتور ئاشتى (postdoctor博士后) خىمىيە-فىزىكا ئالىمى كۈرەش ئىبراھىم مانا شۇ چاغلارىدىكى دىلىغا يۈكسەك غايىنى پۈككەن ياشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
<داۋامى بار…“كۈرەش ئىبراھىم”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!