ئۇ

ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ھەققىدە

ئۇيغۇر دوپپىلىرى

ئاپتورى: ھەسەنجان ئابلىز

ئۇيغۇر دوپپىلىرى ئۇزۇن تارىخقا ۋە مول مەزمۇنغا ئىگە. ئۇيغۇر دوپپىلىرى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئېھتىياج ۋە ئىمكانىيەتكە ئاساسەن ئۆزگىرىپ، يېڭىلىنىپ، مۇكەممەللىشىپ ۋە رەڭدارلىشىپ كۈچلۈك مىللىي تۈسكە ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جىنىس ئايرىمىسى، ياش-قۇرام پەرقى، ياشىغان تەبىئىي شارائىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىغىغا مۇناسىپ ئۆزگىچە دوپپا كىيىش ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر دوپپىلىرى يالغۇز ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادەت خاراكتېرىدىن ھالقىپلا قالماي، بەلكى يەنە بىر پۈتۈن مىللىي كىملىك خاس ۋەكىلى بولۇپ مۇقىملىشىپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئۆرپ-ئادەت ئومۇمىيلىقى، مەدىنيەت ئىزچىللىقى ۋە ئىجتىمائىي خاس بەلگىسى بولۇپ شەكىللەندى. <داۋامى بار…“ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ھەققىدە”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ماقال-تەمسىللەر (ئۇ)

  • ئۇ ياققا تارتسام ئات ئۆلىدۇ، بۇ ياققا تارتسام ھارۋا سۇنىدۇ.
  • ئۇچقۇندىن قورققان تۆمۈرچى ئەمەس.
  • ئۇستا بارسا قولۇڭنى تارت، موللا باردا تىلىڭنى تارت.
  • ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ.
 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئۇيغۇر دوكتورلىرى

ئابدۇقادىر ھوشۇر (تىببىي، ياپونىيە)
ئاسىيە (تىببىي، فرانسىيە)
ئارزۇگۈل غۇلام (بېيجىڭ پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتى)
ئالىم تۇرسۇن (مۇھىت ئىلمى، جۇڭگو)
ئابدۇسالام جالالىدىن (جۇغراپىيە، ياپونىيە)
ئابدۇقادىر تاش (ئاخبارات، ئامېرىكا)
ئابدۇشۈكۈر ئېلىيۇف (فىزىكا)
ئاينۇر ئابدۇرازاق (كومپيۇتۇر، ئامېرىكا)
ئايجامال ئابدۇراھمان (ماتىماتىكا، گېرمانىيە)
<داۋامى بار…“ئۇيغۇر دوكتورلىرى”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

«ئۇيغۇر قامۇسى» ھەققىدە

خىلمۇ-خىل ئۇچۇرلارغا تور ئارقىلىق ئېرىشىش بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلغان ئەھۋالدا، ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بەتلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئازلاپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ توغرا ۋە ئەتراپلىق ئۇچۇرغا ئۆز تىلىمىزدا ئېرىشىشى بارغانسېرى قىيىنلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. مەنىۋىي مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىزنى تور دۇنياسىغا ۋاقتىدا ئېلىپ كىرىپ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قولاي ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلالمىساق، ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك مىراسلار ئەۋلادلىرىمىزغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈلەلمەي، بىزدىن بالدۇرراق يوق بولۇپ كېتىشى مۇقەررەر. بۇ سەۋەبتىن مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ سەۋەبى بولغان مەدەنىيەت ۋە سەنئەت مىراسلىرىمىزنى، تۆھپىكارلىرىمىز ۋە ئۇلار ياراتقان ئەسەرلەرنى، پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ھاياتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل تېمىدىكى مەزمۇنلارنى توپلاپ ۋە تۈرگە ئايرىپ، توردا بىر «ئۇيغۇر قامۇسى» شەكىللەندۈرۈپ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنساق، مىللىي مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ناھايىتى زور تۆھپىسى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ ئىشنى بىر ياكى بىر قانچە كىشى بىر ئۆمۈر تىرىشسىمۇ ۋۇجۇتقا چىقىرىش تەس، «ئىش بىرلىكتە، كۈچ ئۆملۈكتە». بۇ ئىشقا تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغان دوستلارنىڭ بۇ يەرگە ئىنكاس قالدۇرۇپ ياكى ئېلخەت ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. قىلىدىغان ئىشلار ھەر بىر كىشىنىڭ ۋاقتى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تەقسىملىنىدۇ. كومپيوتېردا ئازراق مەشغۇلات قىلالايدىغان ھەرقانداق كىشى بۇ ئىشقا تۆھپە قوشالايدۇ ۋە زۆرۈر بولغاندا ئىش تۈرى بويىچە تەربىيەلىنىدۇ.

<داۋامى بار…“«ئۇيغۇر قامۇسى» ھەققىدە”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!