غەنىزات غەيۇرانى (1930-2007) كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1948-يىلىدىن 1950-يىلىغىچە شىنجاڭ دارىلفونۇنىدا ئوقۇغان. 1950-يىلىدىن 1953-يىلىغىچە سابىق ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1953-يىلىدىن 1955-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر دەرسلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1955-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تىلشۇناسلىق سىنىپىدا ئوقۇغان. 1957-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە مۇھەررىر، مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1962-يىلىدىن 1966-يىلىغىچە ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1980-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىدا تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان.
غەنىزات غەيۇرانى 1949-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. ئۇنىڭ «تارىم بويىدا»، «ھايات قوشىقى» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى، «بولدى قىل» ناملىق فېليەتون ۋە ساتىرالار توپلىمى، «100 رۇبائىي» ناملىق رۇبائىيلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.
غەنىزات غەيۇرانىنىڭ تىل تەتقىقات ۋە نەشرىياتچىلىق ساھەسىدىكى تۆھپىسىمۇ ئالاھىدە گەۋدىلىك. ئازادلىقتىن كېيىن ئۇ تۇنجى بولۇپ تۈزگەن باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئېلىپبە، تىل، ماتېماتىكا قاتارلىق دەرسلىكلىرى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گىرامماتىكا دەرسلىكى (1-قىسىم) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلغان. ئۇنىڭ قاتنىشىشى ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن ئالتە توملۇق «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 1990-، 1999-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن، بىر تومى 1999-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ لۇغەتنىڭ 1-تومى 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى ۋە ئىملا لۇغىتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى» قاتارلىق كۆپلىگەن لۇغەتلەرنى تۈزۈشكە ۋە بېكىتىشكە قاتناشقان. 1992-يىلى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولغۇچى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالانغان.