نىياز كېرىم شەرقى

نىياز كېرىم شەرقى

نىياز كېرىم شەرقىي 1948- يىلى 10-ئايدا تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر جۇڭگو خەتتاتلار جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەمدە جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتى تەھرىرلىك، نەشر قىلىش كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى . جۇڭگو تارىخ موزىيى گۈزەل سەنئەت گالىرىيىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارىخ مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئىتى، ئاپتونوم رايونلۇق چەتئەللەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەتتاتلار، رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت ئۇستازى.

داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت ئەپەندى 1935-يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ قوغان (ھازىرقى نەزەرباغ) يىزىسىدا دىنى زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى ئەخمەت قازىئاخۇنۇم ئۇقۇمۇشلۇق ئادەن بولغاچقا غازى ئەمەتنى ئەتراپلىق تەربىيلىگەن، 1946-يىلىدىن 1950-يىلغىچە دىنى بىلىم ئالغان. كىچىكىدىن رەسىم سىزىشقا، رەسساملىققا ھەۋەس قىلىپ كەلگەن غازى ئەمەت بالىلىق ۋاقىتلىرىدىلا رەسىم سىزىپ باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. غازى ئەمەت 1952-يىلى قەشقەر سىفەن مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ شۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىپ رەسساملىق ساھەسىگە چۇڭقۇر ئۇل سالغان. ئۇ 1954-شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسىم فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە ئۇ يەردىمۇ تىرىشىپ رەسىم ئىجادىيىتىگە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەشىق قىلغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن شۇ مەكتەپتە ئىشلىگەن.

غازى ئەمەت جۇڭگۇ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى، پىرافىسور، شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت دەرىجىلىك ئاتاقلىق رەسسام. 1954-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن «غازى ئەمەت رەسىملەر توپلىمى» دىگەن كىتابى نەشىر قىلىنغان. رەسسام غازى ئەمەت ئەپەندىنىڭ «جىنايى ھۆكۈم» ناملىق ئىجادىيىتى جۇڭگۇ رەسىم سارىيىدە ساقلىنىۋاتىدۇ. 1982-يىلى پارىژدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان «مەھمۇد قەشقەرى» ناملىق ئەسىرى بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.


ئۇيغۇر خەتتاتلقىدا يىتەكچىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان پەخىرلىك ئ‍ۇستاز نىياز كېرىم شەرقىگە 2015-يىلى شىۋىتسيە خان جەمەتى تەرىپىدىن پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى ھەم ئوردىن تەقدىم قىلىندى.

نىياز كېرىم شەرقىنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلغان ۋە 1985-، 1989-، 1998-، 2005-، 2008- يىللىرى ئۆزىنىڭ شەخسىي خەتتاتلىق كۆرگەزمىلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان. ئامېرىكا، قازاقىستان، پاكىستان، تۈركىيىلەرگە بېرىپ خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى ئاچقان. ئەسەرلىرى يەنە تۇنىس، كورىيە، ياپونىيە، تەيۋەن، شىياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا كۆرگەزمە قىلىنغان. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىدا 20 قىسىملىق خەتتاتلىق تېلېۋىزىيە لېكسىيىسى سۆزلىگەن. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى، شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتى ۋە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتلىرىدا خەتتاتلىق لىكسىيىلىرىنى سۆزلىگەن ۋە دەرس ئۆتكەن. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنىڭ پۈتۈن ھوقۇقلۇق ۋەكىلى بولۇپ، يىڭى مەتبۇئات ھەرپلىرىنى لايىھىلەش، باھالاپ بېكىتىش ئىشلىرىغا قاتناشقان ۋە كومپيۇتېر ھەرپلىرىنى لايىھىلەش، تولۇقلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، 1976-يىلى «ھۆسىخەت نۇسخىلىرى»، 1989- يىلى «ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەسەرلىرىدىن تاللانما»، 2002-يىلى «ئۇيغۇر خەتتاتلىقى قوللانمىسى» قاتارلىق كىتابلارنى ۋە ھەر خىل خەتتاتلىق دەرسلىك كىتابلىرى، خەتتاتلىق لەۋھەلىرىنى نەشر قىلدۇرغان. مەملىكەتلىك مەتبەئە ھەرپلىرىنى لايىھىلەشتە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ «ئەخلاق ۋە كەسىپتە تەڭ يېتىلگەن خەتتات» دېگەن شەرەپلىك نامغا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت» مۇكاپاتىغا ۋە «شىنجاڭ بۇيىچە ئىلغار مۇتەخەسىس» دېگەن شەرەپ ناملىرى بىلەن مۇكاپاتلانغان.

نىياز كېرىم شەرقى

نىياز كېرىم شەرقى ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار

نىياز كېرىم شەرقى ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار
دوستلۇق ئىھسان جۈملىسىدىندۇر.
نىياز كېرىم شەرقى ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار
ئەۋلىيالار تون كېيىپ دەرۋىش بولۇپ باسساڭ قەدەم، كۆرۈنۈپ تۇرغان قۇنالغۇ بولمىغاي دەرگاھ ساڭا.
نىياز كېرىم شەرقى ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار
چىرايلىق كېيىمىڭنى ئۆزۈڭ كەي، مەززىلىك تائامىڭنى باشقىلارغا بەر.
نىياز كېرىم شەرقى ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار
ئەۋۋەل كۆڭۈل كۆزگۈسىدىن مەھۋ ئەيلە نەقشى ماسىۋا.
نىياز كېرىم شەرقى ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار
ئالتۇن ھەل يالاتساڭ كېسەكتۇر كېسەك.
نىياز كېرىم شەرقى ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار
پارلاق باھار پەسلى بايانىدا
نىياز كېرىم شەرقى ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار
ئەسكەر باشلىغۇچى كىشىنىڭ قانداق بولۇشى بايانىدا
نىياز كېرىم شەرقى ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار
باھار شادلىقى – زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار
نىياز كېرىم شەرقى ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار
ئەقىل قايدا بولسا ئۇلۇغلۇق بولۇر، بىلىم كىمدە بولسا بۈيۈكلۈك تاپۇر. – قۇتادغۇبىلىك

نىياز كېرىم شەرقى ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار
ۋەتەندۇر تەخت، ۋەتەندۇر بەخت …
نىياز كېرىم شەرقى ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار
يۇرت قەدرىنى شاھلار بىلمەس يۇرتتىن يۇرتغە ئاشماغۇنچە …
نىياز كېرىم شەرقى ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار
نىياز كېرىم شەرقى ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار
… بىلىملىك، ئەقىللىق تىلەككە يېتۇر.
نىياز كېرىم شەرقى ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار
نىياز كېرىم شەرقى ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار
كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول.
… دىلغا ئاتەشتەك ھارارەت بەرگۈچى يالقۇن مۇقام…

UYGUR.COM

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *