شەخسلەر

ئابلىكىم ئەمەت

ئابلىكىم ئەمەت

فوتوگراق ئابلىكىم ئەمەت 1963-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋەتىنىمىزدىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى خوشۇت ناھىيەسىدە ئوقۇغان. ئالىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن. ئابلىكىم ئەمەت كىچىكىدىنلا گۈزەل-سەنئەتكە، رەسىم سىزىش ۋە ھۆسن خەت يېزىشقا ئئشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا نەشىر قىلىنغان نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ھۆسن خەت ۋە فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. ئابلىكىم ئەمەت پەۋقۇلئاددە تالانتلىق فوتوگراف، ئۇنىڭ سۈرەتكە ئالغان ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەنزىرىسى، دەريالىرى، تاغلىرى، قەدىمكى دەرەخلىرى <داۋامى بار…“ئابلىكىم ئەمەت”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

خالمۇرات غوپۇر

خالمۇرات غوپۇر

خالمۇرات غوپۇر 1960-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىن خەنزۇ تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1982- يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شاڭخەي جۇڭيى ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن. مەكتەپ تەشكىلى ئۇنى مەكتەپكە ئېلىپ قېلىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئانا يۇرت سۆيگۈسى، شىنجاڭ بىلەن شاڭخەي ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردىكى چوڭ پەرىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۇ يەنىلا ئۆز يۇرتىغا- تەڭرىتاغ ئېتىكىگە قايتىپ كەلدى. خالمۇرات غوپۇر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تەشكىلنىڭ تەقسىماتىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتى. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئەمدىلا چىقىپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ شاۋقۇنلۇق دەرياغا شۇڭغۇغان خالمۇرات غوپۇر <داۋامى بار…“خالمۇرات غوپۇر”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئابدۇراخمان قاھار

ئابدۇراخمان قاھار

ئابدۇراخمان قاھار 1936-يىلى 11ـ ئايدا غۇلجا شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1945-يىلىدىن 1952-يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىسىنى غۇلجا شەھىرىدە ئالغان. 1952-يىلى 9-ئايدا غۇلجىدىكى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىغا كىرىپ بىر يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1953-يىلى 9-ئايدا سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇشقا كىرگەن ۋە 1956-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىلاردا مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن، كېيىن ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1988-يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان ئابدۇراخمان قاھار، دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى، <داۋامى بار…“ئابدۇراخمان قاھار”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئۆمەرجان نۇرى

ئۆمەرجان نۇرى

ئۆمەرجان نۇرى 1968-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ قاراساي يېزىسىدا بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى قاراساي، قويچى يېزىلىرىدا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قاراقاش ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1986-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە ئەلا نەتىجە بىلەن خىتاينىڭ چاڭچۈن شەھىرىدىكى شەرقى-شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى يىل تەييارلىق ئوقۇغاندىن كېيىن، شەرقى-شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۆت يىللىق تارىخ كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، 1992-يىلى خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپى (ھازىرقى خوتەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى) گە تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشقا چۈشكەن. 2000-يىللىرى بېيجىڭدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىخ پەنلىرىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان.

<داۋامى بار…“ئۆمەرجان نۇرى”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى

مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى

ئاتاقلىق تىلشۇناس، ئىجتىھاتلىق ژۇرنالىست، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تەتقىقاتچىسى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى ئەپەندى 1950-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلىدىن 1971-يىلىغىچە قايتا تەربىيەدە بولغان. 1983-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1991-يىلىدىن تارتىپ «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» دا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ مەنىسى» ناملىق كىتابى 1992-يىلى بېسىلغان. كېيىن يەنە «ئىسىمنى قانداق قويۇش كېرەك»، «ئىسىم قويۇش قوللانمىسى»، «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى» (1998) قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە 30 پارچىدىن ئارتۇق ماقالا ئېلان قىلغان، بۇ ماقالىلارنىڭ كۆپى «خەزىنىلەر ئاچقۇچى» (2006) ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. <داۋامى بار…“مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

جالالىدىن بەھرام

جالالىدىن بەھرام

جالالىدىن بەھرام 1942-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غۇلجا شەھرىدە ھۆنەرۋەن (تىككۈچى) ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۈنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان خەلق ناخشىچىسى ھەم رەسسام ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ، خۇش-پېئىللىق ۋە چاقچاقچىلىق بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۇ زېرەك ھەم تېتىك چوڭ بولۇۋاتقان ئوغلىغا خەلق -چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەرخىل رەسىملەرنى كۆرسىتىپ، رەسساملىقنىڭ سېھرى-كۈچىنى تەرىپلەيتتى. شۇڭا، جالالىدىن بەھرام: «مېنىڭ يۇمران قەلبىمگە ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، رەسساملىق ۋە ئەدەبىيات بىخلىرىنى يېتىشتۈرگەن ئاتامنى ھەر دائىم مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن…» دەيدۇ. <داۋامى بار…“جالالىدىن بەھرام”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

غەنىزات غەيۇرانى

ئۇيغۇر قامۇسى

غەنىزات غەيۇرانى (1930-2007) كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1948-يىلىدىن 1950-يىلىغىچە شىنجاڭ دارىلفونۇنىدا ئوقۇغان. 1950-يىلىدىن 1953-يىلىغىچە سابىق ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1953-يىلىدىن 1955-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر دەرسلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1955-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تىلشۇناسلىق سىنىپىدا ئوقۇغان. 1957-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە مۇھەررىر، مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1962-يىلىدىن 1966-يىلىغىچە ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1980-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىدا تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. <داۋامى بار…“غەنىزات غەيۇرانى”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

خالىدە ئىسرائىل

خالىدە ئىسرائىل

خالىدە ئىسرائىل، 1952- يىلى 10- ئايدا قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان. 1959- يىلىدىن 1969- يىلىغىچە ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1971- يىلىدىن 1972- يىلىغىچە «خوتەن گېزىتى» دە ئىشلىگەن . 1972- يىلىدىن 1975- يىلىغىچە سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتوتىنىڭ تىل فاكولتىتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە تەخسىم قىلىنغان. ھازىر شۇ ئورۇندا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ھازىرغىچە خالىدە ئىسرائىلنىڭ «قۇملۇق چۈشى»، «تاش شەھەر» قاتارلىق ھېكايە- پوۋېستلار توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان.

خالىدە ئىسرائىل 1985- يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ئۇ گويا بىردىنلا بەرق ئۇرۇپ چېچەكلىگەن باھار گۈلىدەك ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۆزىنىڭ ئاز، ئەمما ساز بولغان، كىتابخانلار قەلبىنى لەرزىگە سالالىغان ئەسەرلىرى بىلەن ئەدەبىياتىمىز مۇنبىرىدە ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن ئالدى. <داۋامى بار…“خالىدە ئىسرائىل”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

راھىلە داۋۇت

راھىلە داۋۇت

راھىلە داۋۇت (Rahile Dawut) 1966- يىلى 5- ئايدا ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1983- يىلى 9- ئايدىن 1987- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا تولۇق كۇرستا ئوقۇغان. 1987- يىلى 9- ئايدىن 1990- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. 1994-يىلى 9- ئايدىن 1995- يىلى 7- ئايغىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1995- يىلى 9- ئايدىن 1998- يىلى 7- ئايغىچە بىيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا فولكلور كەسپى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ مازار مەدەنىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. <داۋامى بار…“راھىلە داۋۇت”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئابدۇقادىر جالالىدىن

ئابدۇقادىر جالالىدىن

ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1982-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1986-يىلى 7-ئايدىن 1988-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1988-يىلى 10-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئىلمىي ژۇرنال مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1990-يىلى 8-ئايدىن 2009-يىلى 11- ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1993-يىلى 1-ئايدا لېكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى 11-ئايدا مۇئاۋىن پىروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى 11-ئايدا پروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىنىڭ پەننىي ساھەدىكى باشلامچىسى بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كىلىپ، ئاسپىرانت يىتەكچىسى بولغان. <داۋامى بار…“ئابدۇقادىر جالالىدىن”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

يالقۇن روزى

يالقۇن روزى

يالقۇن روزى 1966-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاتۇش شەھىرىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل تاغلىق يېزىسى ئاغۇدا توغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى 1973-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە ئاغۇ يېزىسىدا ئوقۇغان. 1980-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان.

1987-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئىستانسىسىغا قوبۇل قىلىنىپ، مۇخبىرلىق قىلغان. 1991-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.

2005-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى دەرسلىك بۆلۈمىدە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش، تەھرىرلەش خىزمىتىنى قىلىۋاتىدۇ. <داۋامى بار…“يالقۇن روزى”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

قۇربان مامۇت

قۇربان مامۇت

تۆھپىكار ژۇرنالىست قۇربان مامۇت 1950-يىلى، كۇچار ناھىيەسى بېھىشباغ يېزا، بوستان كەنتىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، 1972-يىلدىن 1976-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1976-يىلىدىن 1984-يىلغىچە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ خىزمەت قىلغان، 1985-يىلىدىن باشلاپ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا مەسئۇل مۇھەررىر، باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ 2011-يىلى  پېنسىيەگە چىققان.

قۇربان مامۇت «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا مەسئۇل خىزمەتتە بولغان بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدىكى سەرخىل قەلەمكەشلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەققىدىكى بىر يۈرۈش نادىر ئەسەرلىرىنى تاللاپ مەزكۇر ژۇرنالدا ئېلان قىلغان. <داۋامى بار…“قۇربان مامۇت”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!