- ئات ئالساڭ يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن ئال.
- ئاتنى تەپمەيدۇ دىمە، ئىتنى چىشلىمەيدۇ دىمە.
- ئاچچىق ئالدىدا يۈرىدۇ، ئەقىل كەينىدە يۈرىدۇ.
- ئاختارمىنىڭ چالمىسى يامان، خوتۇن كىشىنىڭ لالمىسى يامان.
- ئادىمى يوق ئۆيدە، ئۆچكىنىڭ ئېتى ئابدۇراخمان.
- ئاشىققا باغداد يىراق ئەمەس.
- ئاق ئىت، قارا ئىت، ھەممىسى بىر ئىت.
- ئالتۇن – كۈمۈش دات بولماس، ئورۇق – تۇغقان يات بولماس.
- ئالتۇن بېشىڭ ئامان بولسا، ئالتۇن تاۋاقتا سۇ ئىچەرسەن.
- ئالدى چاق نەدە ماڭسا، كەينى چاق شۇ ئىزدا ماڭار.
- ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويۇڭ سامان بولماس.
- ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ. ئون بەشى يۇرۇق.
- ئابروي ئەقىلدىن كېلەر، ئېغىزدىن كېتەر.
- ئاتا – ئاناڭغا نېمە قىلساڭ، بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن.
- ئاتا – ئانا يايرىسا باغ، يۆلەنسە تاغ.
- ئاتا مىھرى چىراغ، ئانا مىھرى بۇلاق.
- ئات تويغان يېرىگە تارتىدۇ، يىگىت تۇغۇلغان يېرىگە تارتىدۇ.
- ئاچچىق ئەقىلنى كېسەر، تاتلىق كۆڭۈلنى يېشەر.
- ئادەم دوستى بىلەن، دەرەخ پوستى بىلەن.
- ئادەمنىڭ روھى چۈشسە ئېتى يۈگۈرەلمەس.
- ئادەمنىڭ ئېسىلى ئۆلگەندە بىلىنەر، ئاتنىڭ خۇيى مىنگەندە بىلىنەر.
- ئادەمنىڭ ياخشىسى ئەل – يۇرت دەپ ئۆلەر.
- ئارىسالدى ئېشەكنى بۆرە يەپتۇ.
- ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان.
- ئاغزىدا ئەل ۋەتەن، كۆڭلىدە پەقەتلا «مەن» .
- ئاغزىدىن ھەسەل تامار، كۆڭلىدىن زەھەر تامار.
- ئالەمنى سۇ باسسا، ھۇرۇننى ئۇيقۇ بېسىپتۇ.
تۈرلەر
- ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
- ئۇيغۇر خەلق-ماقال تەمسىللىرى
- ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە ئاتالغۇلار لۇغىتى
- ئۇيغۇر دوكتورلىرى
- يازغۇچى-شائىرلار
- جەمئىيەتشۇناسلار
- ئۇيغۇرشۇناسلار
- ئىنسانشۇناسلار
- تەرجىمىھال
- رەسساملار
- مۇزىكانتلار
- خەتتاتلار
- دىن
- تارىخ
- سەنئەت
- ئەدەبىيات
- مەدەنىيەت
- يېمەك-ئىچمەك
- ماتېماتىكا
- جۇغراپىيە
- تېبابەت
- خېمىيە
- فىزىكا
دىيارىمىز
- ئۇيغۇر دىيارى
- ئۈرۈمچى شەھىرى
- قۇمۇل شەھىرى
- تۇرپان شەھىرى
- قاراماي شەھىرى
- قەشقەر ۋىلايىتى
- خوتەن ۋىلايىتى
- ئاقسۇ ۋىلايىتى
- ئالتاي ۋىلايىتى
- تارباغاتاي ۋىلايىتى
- قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
- بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
- سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
- بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر











