«B» Bilen Bashlanghan Izahlar

Balans

Isim [rusche<فرانسۇزچە] ①بەلگىلىك بىر مۇددەت ئىچىدىكى كىرىم بىلەن چىقىم بىر-بىرىگە سېلىشتۇرۇلۇپ ۋە نىسبەتلەشتۈرۈلۈپ چىقىرىلغان يەكۈن: ئاكتىپ بالانس. پاسسىپ بالانس. بىر ئايلىق بالانس. ②تەڭپۇڭ ھالەت: بالانس بولماق. بالانس قىلماق.

Banka

①Isim [rusche<فرانسۇزچە] پۇل ئامانەت قويۇش، پۇل قەرز بېرىش، پۇل پېرېۋوت قىلىش قاتارلىق كەسىپلەر ئارقىلىق ئامانەت، قەرزنىڭ ۋاسىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئامانەت، قەرز ئاپپاراتى. ②ئىسىم [رۇسچە] شېشە ياكى مېتالدىن ياسالغان سىلىندىر شەكىللىك ئىدىش.

Bayqut

Isim [rusche<ئىنگلىزچە] رەت قىلىش، قوبۇل قىلماسلىق يولى بىلەن بىرەر كىشىگە، نەرسە، تەشكىلات ۋە شۇ قاتارلىقلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاممىۋى، سىياسىي ياكى ئىقتىسادىي كۈرەش: بايقۇت قىلماق.