ئالىم ئەھەت

بۆلمەك

پېئىل ①بۆلەكلەرگە ئاجراتماق، پارچىلىماق، بۆلەك-بۆلەك قىلماق: ناننى ئىككىگە بۆلمەك. قەغەزنى بۆلمەك. ئەسەرنى بابلارغا بۆلمەك. <②مات> بۆلۈش ئەمىلىنى بېجىرمەك: چوڭ ساننى كىچىك سانغا بۆلمەك. ③تەقسىم قىلماق، ئۆلەشمەك: مىراسنى بۆلمەك. پايدىنى بۆلمەك. ④گەپ-سۆز، سۆھبەت، خىيال، ئوي-پىكىر قاتارلىقلارنى ئۈزمەك، توختىتىپ قويماق ياكى ئۇنىڭغا تەسىر يەتكۈزمەك: ئەكبەر تەرىنى تۈرۈپ، دوستىنىڭ سۆزىنى كەسكىن بولدى.

بۆلۈش

ئىسىم <ماتېماتىكا> بۆلۈش ئەمىلى ۋە ئۇنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە (÷). بەزىدە ئۇنىڭ ئورنىغا توغرا سىزىق، يانتۇ سىزىق ياكى قوش چېكىت (:) ئىشلىتىلىدۇ. ②ئىسىم <لوگىكا> تەپەككۇردە ئەينى بىر جىنس ئۇقۇمنى شۇ جىنس ئۇقۇم تەركىبىدىكى بىرقانچە تۈر ئۇقۇمغا ئايرىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

بۆلۈم

ئىسىم ①قىسىم، خانا ۋە شۇ قاتارلىق ئاجرىتىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەربىر قىسمى؛ ئىشخانا: بىنانىڭ بۆلۈملىرى. كېمىنىڭ بۆلۈمى. ②ئىدارە، مۇئەسسەسە، كارخانا، ماگىزىن، مۇزېي قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، بىر تۈردىكى نەرسىلەر توپلانغان ھەربىر قىسمى؛ شۆبە: مالىيە بۆلۈمى. كادىرلار بۆلۈمى. ③ئىلمىي ياكى بەدىئىي ئەسەرلەرنىڭ مەلۇم مەسىلىگە بېغىشلانغان ھەربىر مۇستەقىل قىسمى: بۇ كىتابچىدا «ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ شەكلى ۋە قورالى» مەسىلىسى مەخسۇس سۆزلەنگەن بىر بۆلۈم بار. ④بۆلەك، قىسىم: ئورمىنى بۆلۈم تۈگىتەر، ئادەمنى ئۆلۈم (ماقال).

بۆلۈنگۈچى

①سۈپەت. بۆلۈنىدىغان، پارچىلىنىدىغان: بۆلۈنگۈچى شەيئىسىم. بۆلۈنگۈچى ماددا. ②ئىسىم <ماتېماتىكا> بۆلمەكچى بولغان سان: بۆلگۈچى ئىككى، بۆلۈنمە تۆت بولسا، بۆلۈنگۈچى سەككىز بولىدۇ. ③ئىسىم <لوگىكا> بۆلۈنمەكچى بولغان جىنس ئۇقۇم.

بۆلۈنمە

①سۈپەت. پارچىلانغان، ئايرىلغان؛ پارچە، ئايرىم: بۇ ئىككى مىللەت شۇ ۋاقىتقىچە بۆلۈنمە ھالەتتە تۇرغانىدى. ②ئىسىم <ماتېماتىكا> بۆلۈشتىن كېلىپ چىققان نەتىجە :سەككىزنى تۆتكە بۆلسەك بۆلۈنمە ئىككى بولىدۇ. ③ئىسىم <لوگىكا> بۆلۈنگۈچى جىنس ئۇقۇم بۆلۈنگەندىن كېيىن كېلىپ چىققان بىرقانچە تۈر ئۇقۇم.

بۆلۈنمەك

①«بۆلمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى: بۆلۈنگەننى بۆرە يەر (ماقال). ②«بۆلمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: ئەمەتكە ئۆتكەن يىلى ئون بەش مو يەر بۆلۈنگەنىدى.*قىزلارنى كۆرۈپ ياشلارنىڭ سۆھبىتى بۆلۈندى.