ر

ماقال-تەمسىللەر (ر)

  • رازى بولمىغان ئاش قۇرساق ئاغرىتار.
  • راست گەپ بۇسۇغىدىن چىققىچە، يالغان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ.
  • راست ئېيتتىڭ قۇتۇلدۇڭ، يالغان ئېيتتىڭ تۇتۇلدۇڭ.
  • راستلىقى ئاز كىشىنىڭ دوستلۇقى ئاز.
  • راستنى كۆرسە يالغان قاچىدۇ، يولۋاسنى كۆرسە تايغان.
  • رەمچى سالىدۇ رەمنى، كۆڭۈلگە سالىدۇ غەمنى.
  • رەھمى يوق ئادەمدىن، رەھمى بار ئىت ياخشى.

راھىلە داۋۇت

راھىلە داۋۇت

راھىلە داۋۇت (Rahile Dawut) 1966- يىلى 5- ئايدا ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1983- يىلى 9- ئايدىن 1987- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا تولۇق كۇرستا ئوقۇغان. 1987- يىلى 9- ئايدىن 1990- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. 1994-يىلى 9- ئايدىن 1995- يىلى 7- ئايغىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1995- يىلى 9- ئايدىن 1998- يىلى 7- ئايغىچە بىيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا فولكلور كەسپى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ مازار مەدەنىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998- يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1999- يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2002- يىلى فولكلور ئىلمى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانت...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

رەشىد رەھمەتى ئارات

رەشىد رەھمەتى ئارات ۋە ئۇيغۇرلار

ئاپتورى: يۈسۈپجان ياسىن (تەرجىمە ئەسەر)
رەشىد رەھمەتى ئارات قازان تاتارلىرىدىن يېتىشىپ چىققان دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە مەشھۇر تۈركولوگ.

ئۇ 1900- يىلى قازان شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كونا ئۈجۈمدە تۇغۇلغان. 1906-1910-يىللاردا باشلانغۇچ تەربىيىسىنى ئالغان. 1913- يىلى قىزىليار شەھىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1918- يىلى لىسە (تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ) نى تاماملىغان.

1917-يىلىدىكى بولشىۋېك ئىنقىلابىدىن كېيىن تۈرلۈك جەمئىيەتلەر قۇرۇلۇپ، ئۇلار قارمىقىدا ھەر خىل ژورناللار چىقىرىلىشقا باشلىغان. رەشىدى رەھمەتى ئارات دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە «بىرلىك» نامىدىكى بىر جەمئىيەتنى قۇرۇپ، «ياشلىق تېڭى» دېگەن بىر ژورنالنى چىقارغان ۋە دەستلەپكى قەلەم سىناقلىرىنى مۇشۇ ژۇرنالدىن باشلىغان.

رەشىد رەھمەتى ئارات 1918- يىلى ئەسكەرلىككە ئېلىنىپ، ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلگەن. 1919-يىلى يارلىنىپ سىبىرىيىگە يۆتكىۋىتىلگەن. ئۇ، سىبىرىيىدە قازان تاتارلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەرلەردىكى مەدەنىيەت ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىم ئىجراچىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.

1922- يىلى گېرمانىيىگە بېرىپ پەلسەپە...

داۋامىنى ئوقۇڭ!