ش

ماقال-تەمسىللەر (ش)

  • شىرىننى كۆرمەكچى بولساڭ پەرھادنىڭ كۆزى بىلەن قارا.
  • شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىماس.
  • شامال ئۆتمەيدىغان تام يوق.
  • شەرىئەتنىڭ مىڭبىر پۇتىنى بار.
  • شىرنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.

شېرىنگۈل يۇنۇس

شېرىنگۈل يۇنۇس

شېرىنگۈل يۇنۇس 1989- يىلى 12- ئايدا قومۇل شەھەرلىك پالۋانتۇر يېزا دۆربەجىن يوقىرى مەھەللە كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزنى قومۇلدا تاماملاپ، 2006- يىلى بېيجىڭ چاڭپىڭ 2- ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن. 2010- يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شەرقى شىمال ئورمانچىلىق ئىنىستىتوتىنىڭ باغۋەنچىلىك فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 2014- يىلى 7- ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قومۇلغا قايتىپ كەلگەن. شېرىنگۈل ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى تەربىيەسى ۋە ئوقۇتقۇچىسى تۇرسۇنجان ئىسھاقنىڭ تەسىرىدە، كىچىكىدىنلا خەتتاتلىققا ۋە رەسىم سىزىشقا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، 2003-يىلى تەتىل مەزگىلىدە ئۇستازى ئەسەت مۇھەممەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەتتاتلىقنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى تىكلىگەن. قومۇلدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە بىر قانچە پارچە ھۆسىنخەت ئەسىرى ئاپتۇنوم رايون، ۋىلايەتلىك مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنمۇ خەتتاتلىققا بولغان قىزىقىشى قىلچە سۇسلاپ...

داۋامىنى ئوقۇڭ!