ئا

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى

1982ـ يىلى 12ـ ئاينىڭ 4ـ كۈنى 5ـ نۆۋەتلىك مەملىكتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5ـ يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1982ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 4ـ كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلانى بىلەن يولغا قويۇشقا جاكارلانغان، 1988– يىلى 4ـ ئاينىڭ 12– كۈنى 7ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1– يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى»، 1993– يىلى 3 – ئاينىڭ 29– كۈنى 8– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1– يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىلتىلمىسى» ۋە 2004– يىلى 3– ئاينىڭ 14– كۈنى 10– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇلتىيىتىنىڭ 2– يىغىنىدا ماقۇلللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى» گە ئاساسەن تۈزىتىلگەن. 1 – باب ئومۇمىي پروگرامما 1 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى، دېھقانلار ئىتتىپاقىنى...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

Abdulla Abdurehim - ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

  ئابدۇللا ئابدۇرېھىم – ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ھىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانتلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ، 1969-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ھاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. 1987-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى تىياتىر فالكولتىتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى مارالبېشى ناھىيىسگە ئوقۇغۇچى ئالغىلى بېرىپ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدىكى يۇشۇرۇن سەنئەت تالانتىنى بايقايدۇ- دە، ئۇنى سەنئەت ئىنىستىتوتىغا قۇبۇل قىلىدۇ. شۇ يىلى 9-ئايدىن ئېتىبارەن ئۇ ھەقىقى سەنئەت ھاياتىنى باشلىدى. ئۇ سەنئەت ئىنىستىتوتىدىكى ئوقۇغۇچىلىق ﮬاياتىدا بىر تەرەپتىن سەھنىدە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرى ۋە تىياتىر بىلىملىرىنى ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ناخسا سەنئتىگە چوڭقۇر...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

«ئادارگۈل» ناخشىسىنىڭ تېكىستىنى زادى كىم يازغان؟

ئابدۇغېنى سېيىت

ئىسكەندەر جېلىل (قومۇل تارانچىدىن)
خەلق ئىچىدە تارقىلىۋاتقان نۇرغۇن ناخشىلارنى ئەمەلىيەتتە بەزى كىشىلەر ئىجاد قىلغان، لېكىن ناخشا ئوموملىشىپ، ئۇنىڭ ئىجاتكارىنىڭ نامى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا تىلغا ئېلىنمىغاچقا، بۇ ناخشىلار ئومومەن خەلق ناخشىسى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

يېقىندا، خوتەندىكى بەزى پىدائىيلارنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، «ئادارگۈل» ناخشىسىنىڭ تېكىستىكىنى يازغان شائىر ئابدۇغېنى سېيىت ئاكىمىز بىلەن تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ ھېكايە قىلىدۇ:

1969-يىلى 11-ئايدا، ئابدۇغېنى سېيىت ئاكا گۇما ناھىيەسى قوشتاغ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتاتتى. بۇ چاغلاردا مەدەنىيەت ئىنقىلابى خېلى ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ليۇ شاۋچى، دىڭ شاۋپىڭ قاتارلىقلارنى ئەكسىلئىنقىلابچى، كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدارلار دەپ تارتىپ چىقىرىلغان ئىدى. ئابدۇغېنى سېيت ئاكىنىڭ قەلىمى كۈچلۈك، ئاۋازى ياڭراق بولغاچقا، كۆپىنچە يىغىنلاردا شۇئار توۋلاش ئۈچۈن چىقىرىپ قويۇلاتتى. بىر قېتىملىق چوڭ پىپەن...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئابلىكىم ئەمەت

ئابلىكىم ئەمەت

فوتوگراف ۋە خەتتات ئابلىكىم ئەمەت 1963-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋەتىنىمىزدىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى خوشۇت ناھىيەسىدە ئوقۇغان. ئالىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن. ئابلىكىم ئەمەت كىچىكىدىنلا گۈزەل-سەنئەتكە، رەسىم سىزىش ۋە ھۆسن خەت يېزىشقا ئئشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا نەشىر قىلىنغان نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ھۆسن خەت ۋە فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. ئابلىكىم ئەمەت پەۋقۇلئاددە تالانتلىق فوتوگراف، ئۇنىڭ سۈرەتكە ئالغان ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەنزىرىسى، دەريالىرى، تاغلىرى، قەدىمكى دەرەخلىرى ۋە پەقەت تەبىئەتلا يارىتالايدىغان رەڭدارلىقنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ۋەتىنى، تارىخ، مەدەنىيەت، ئەنئەنە ۋە رىۋايەتلىرىنى تەنتەنە قىلىدۇ ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ سېغىنىشى ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ توغرا پەيتنى تۇتالىغان بۇ فوتو-سۈرەتلەردىكى ئوبرازلارنىڭ مۇكەممەللىكى، فوتوگرافنىڭ كۈزىتىشچانلىقىدىكى خاسلىق، ئۆزگىچىلىك ھەمىشە...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئابدۇراخمان قاھار

ئابدۇراخمان قاھار

ئابدۇراخمان قاھار 1936-يىلى 11ـ ئايدا غۇلجا شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1945-يىلىدىن 1952-يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىسىنى غۇلجا شەھىرىدە ئالغان. 1952-يىلى 9-ئايدا غۇلجىدىكى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىغا كىرىپ بىر يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1953-يىلى 9-ئايدا سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇشقا كىرگەن ۋە 1956-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىلاردا مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن، كېيىن ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1988-يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان ئابدۇراخمان قاھار، دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئىدى. پىشقەدەم ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئابدۇراخمان قاھار 2020-يىلى 12-دېكابىر كۈنى 85 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.
ئابدۇراخمان قاھار ئەدەبىيات ساھەسىگە...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئابدۇقادىر جالالىدىن

ئابدۇقادىر جالالىدىن

ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1982-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1986-يىلى 7-ئايدىن 1988-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1988-يىلى 10-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئىلمىي ژۇرنال مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1990-يىلى 8-ئايدىن 2009-يىلى 11- ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1993-يىلى 1-ئايدا لېكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى 11-ئايدا مۇئاۋىن پىروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى 11-ئايدا پروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىنىڭ پەننىي ساھەدىكى باشلامچىسى بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كىلىپ، ئاسپىرانت يىتەكچىسى بولغان. ئابدۇقادىر جالالىدىن نۇرغۇنلىغان شېئىر، ماقالە، تەرجىمە ئەسەرلەرنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار تالىشىپ ئوقۇيدىغان ئەسەرلەرگە ئايلانغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى داڭلىق ئاۋاز ئارتىسلىرى تەرىپىدىن...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئۇيغۇر بۇگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ يارقىن نامايەندىلىرىدىن، يىرىك شائىر ۋە يازغۇچى مول نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىستىداتلىق مەرھۇم ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923- يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇراھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆز ئاتا- ئانىسىدىن كىچىكىدىلا ئايرىلىپ، يېتىم قالغان. دادىسى تىلەش بېگىم ئارتۇش تىجەنلىك كىشى بولۇپ، ئالەمدىن ئۆتەر چېغىدا، ئەمدىلا تۆرت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى قۇمۇل مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان دوستى ئوسمان ھاجىغا ئوغۇللۇققا بېرىۋەتكەن. ئوسمان ھاجىم كۆپنى كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق، تەرەققىيپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ ئۆمۈر بويى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بولغاچقا، ئابدۇرېھىمنى ئىنتايىن ئارزۇلاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەن. ئۇنى ئۆزى ئوقۇتۇپ خەت-ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، دىنىي مەكتەپكە بەرگەن. دىنىي مەكتەپتە دەرسلىك قىلىنغان كلاسسىك ئەسەرلەر ئىچىدە «سوڧى ئاللايار» دېگەن كىتاب تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك، ئاممىباب، گۈزەل،...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئارتۇقچىلىق

ئى ①ئېھتىياجىدىن ئوشۇق ھالەت، زىيادىلىك: ياز ۋاقتى بولسىمۇ، سەپەرگە قېلىنراق كىيىم ئېلىۋېلىش ئارتۇقچىلىق قىلمايدۇ. ②ئالاھىدە تەرەپ، ئالاھىدىلىك، نەتىجە: كىشىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كىشىگە دە، ئۆزىگە دېمە، كىشىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۆزىگە دە، كىشىگە دېمە (ماقال).