ماقال-تەمسىللەر (گ) 0 337 گۆشنى يىگەنمۇ ئوغرى، شورپىسىنى ئىچكەنمۇ ئوغرى. گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تۇنۇمىساڭ نىمە پايدا. گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ. گەپ يەردە ئەمەس، ئەردە. گەپتە گەپ بار، قۇرساقتا دەرد بار. گەپكە گەپ كەلگەندە، ئاتاڭدىنمۇ قايتما.