ئې

ماقال-تەمسىللەر (ئې)

  • «ئېلىپ» نى تاياق دېيەلمەيدۇ، «مىم »نى چۇماق دېيەلمەيدۇ.
  • ئېرى تارتۇقنىڭ خوتۇنى پۇچۇق.
  • ئېرىنسەڭ ئىشىڭنى كىم قىلار، ئۇيالساڭ سۆزۈڭنى كىم قىلار.
  • ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە.
  • ئېشىنى يەپ تاۋىقىنى چېقىپتۇ.
  • ئېشەك باينىڭ تاغار باينىڭ، يېقىلسا يۆلىمەيمەن، ئۆلسە تۆلىمەيمەن.
  • ئېشەك تەخىيىگە ئېشەكلىكتىن باشقىنى ئۆگەتمەس.
  • ئېشەك ئالدىغا چۈشىۋالسا ئاتنىڭ مېڭىشى بۇزۇلار.
  • ئېشەك ئۆلۈۋاتسا كۆتى غىجەك تارتىپتۇ.
  • ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس.
  • ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە، ئۇر توقۇمنى.
  • ئېشەككە ئالتۇن ئېگەر توقۇلسىمۇ يەنىلا ئېشەك.
  • ئېشەكنى ياراتمايسىز، ئېشەكچە بولالمايسىز.
  • ئېغىرلىق رەھمانلىق، يېنىكلىك شەيتانلىق.
  • ئېغىزدا بار، ئەمەلدە يوق.
  • ئېغىزدىن چىققان سۆز – يەرگە سېپىلگەن سۇ.
  • ئېگىلگەن باشنى قېلىچ كەسمەس.
  • ئېگىلگەنگە ئېگىل بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە، غادايغانغا غاداي بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە.
  • ئېيتقان يەردىن قالما، ئېيتمىغان يەرگە بارما.
  • ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ بولسۇن، ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈڭ بولسۇن.