ز

ماقال-تەمسىللەر (ز)

  • زارلىغانغا كەلمەيدۇ، قارىغانغا بەرمەيدۇ.
  • زامان تۈزەلسە، يامانمۇ تۈزىلەر.
  • زامانغا قاراپ ئىش تۇت، يوتقانغا قاراپ سۇن پۇت.
  • زامانەڭ تۈلكە بولسا، سەن ئۇنىڭ تايغىنى بول.
  • زورلۇقنىڭ ئاقىۋىتى خورلۇق.
  • زېرەك تېپىپ سۆزلەيدۇ، قوپال كۆپۈپ سۆزلەيدۇ.
  • زىرائەتنىڭ كۆكىگە ئىشلىمەي، تۈۋىگە ئىشلە.

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

زۇلپىقار بارات ئۆزباش 1975- يىلى ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1992- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ تەرجىمە باشقارمىسىدا تەرجىمان، سابىق «شىنجاڭ باج ئىشلىرى» ژۇرنىلىدا تەھرىر ۋە مەزكۇر ئىدارىنىڭ «باج كادىرلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ئەدەبىي تەرجىمىگە 1992- يىلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىن باشلاپ كىرىشكەن بولۇپ، جۇڭگۇ ۋە چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى كۆپلىگەن داڭلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغان ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ماھارىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن. ئۇ تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەرنىڭ تىلى ئىنتايىن راۋان، يېقىشلىق، پاساھەتلىك، چۈشىنىشلىك بولۇپ، ئوقۇغان كىشىگە ئانا تىلدا يېزىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇ ئەدەبىي تەرجىمىنى دەسلەپتە خەنزۇ ئەدەبىياتىدىن باشلىغان بولۇپ، «تۇخۇمەك دەرىخى ئاستىدا»، «سېسىق پايپاق مودا بولغان...

داۋامىنى ئوقۇڭ!