ب

بارابانلىق

سۈپەت ①بارابان تۇتقان، كۆتۈرگەن ياكى بارابان چېلىۋاتقان: بارابانلىق بالا. ②بارابان بىلەن ئورۇنلىنىدىغان ياكى بارابان ئاساس قىلىنىدىغان: بارابانلىق مۇزىكا.

باس-باس

ئارقا-ئارقىدىن؛ تۆپە-تۆپىلەپ؛ تالىشىپ:-بۈگۈن يېڭى چىققان رەخت ئىكەن، كىشىلەر باس-باس بىلەن ئېلىۋېتىپتىكەن، مەنمۇ ساڭا بىر كىيىملىك ئالغاچ كەلدىم،-دېدى ئىمام مۇھەممەت ئايالىغا.