رەسساملار

ئابلىكىم ئەمەت

ئابلىكىم ئەمەت

فوتوگراف ۋە خەتتات ئابلىكىم ئەمەت 1963-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋەتىنىمىزدىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى خوشۇت ناھىيەسىدە ئوقۇغان. ئالىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن. ئابلىكىم ئەمەت كىچىكىدىنلا گۈزەل-سەنئەتكە، رەسىم سىزىش ۋە ھۆسن خەت يېزىشقا ئئشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا نەشىر قىلىنغان نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ھۆسن خەت ۋە فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. ئابلىكىم ئەمەت پەۋقۇلئاددە تالانتلىق فوتوگراف، ئۇنىڭ سۈرەتكە ئالغان ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەنزىرىسى، دەريالىرى، تاغلىرى، قەدىمكى دەرەخلىرى ۋە پەقەت تەبىئەتلا يارىتالايدىغان رەڭدارلىقنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ۋەتىنى، تارىخ، مەدەنىيەت، ئەنئەنە ۋە رىۋايەتلىرىنى تەنتەنە قىلىدۇ ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ سېغىنىشى ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ توغرا پەيتنى تۇتالىغان بۇ فوتو-سۈرەتلەردىكى ئوبرازلارنىڭ مۇكەممەللىكى، فوتوگرافنىڭ كۈزىتىشچانلىقىدىكى خاسلىق، ئۆزگىچىلىك ھەمىشە...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

غازى ئەمەت

غازى ئەمەت

داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت ئەپەندى 1935-يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ قوغان (ھازىرقى نەزەرباغ) يىزىسىدا دىنى زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى ئەخمەت قازىئاخۇنۇم ئۇقۇمۇشلۇق ئادەن بولغاچقا غازى ئەمەتنى ئەتراپلىق تەربىيلىگەن، 1946-يىلىدىن 1950-يىلغىچە دىنى بىلىم ئالغان. كىچىكىدىن رەسىم سىزىشقا، رەسساملىققا ھەۋەس قىلىپ كەلگەن غازى ئەمەت بالىلىق ۋاقىتلىرىدىلا رەسىم سىزىپ باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. غازى ئەمەت 1952-يىلى قەشقەر سىفەن مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ شۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىپ رەسساملىق ساھەسىگە چۇڭقۇر ئۇل سالغان. ئۇ 1954-شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسىم فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە ئۇ يەردىمۇ تىرىشىپ رەسىم ئىجادىيىتىگە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەشىق قىلغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن شۇ مەكتەپتە ئىشلىگەن. غازى ئەمەت جۇڭگۇ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم...

داۋامىنى ئوقۇڭ!