ئات ئالساڭ يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن ئال. ئاتنى تەپمەيدۇ دىمە، ئىتنى چىشلىمەيدۇ دىمە. ئاچچىق ئالدىدا يۈرىدۇ، ئەقىل كەينىدە يۈرىدۇ. ئاختارمىنىڭ چالمىسى يامان، خوتۇن كىشىنىڭ لالمىسى يامان. ئادىمى يوق ئۆيدە، ئۆچكىنىڭ ئېتى ئابدۇراخمان. ئاشىققا باغداد يىراق ئەمەس. ئاق ئىت، قارا ئىت، ھەممىسى بىر ئىت. ئالتۇن – كۈمۈش دات بولماس، ئورۇق – تۇغقان يات بولماس. ئالتۇن بېشىڭ ئامان بولسا، ئالتۇن تاۋاقتا سۇ ئىچەرسەن. ئالدى چاق نەدە ماڭسا، كەينى چاق شۇ ئىزدا ماڭار. ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويۇڭ سامان بولماس. ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ. ئون بەشى يۇرۇق. ئابروي ئەقىلدىن كېلەر، ئېغىزدىن كېتەر. ئاتا – ئاناڭغا نېمە قىلساڭ، بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن. ئاتا – ئانا يايرىسا باغ، يۆلەنسە تاغ. ئاتا مىھرى چىراغ، ئانا مىھرى بۇلاق. ئات تويغان يېرىگە تارتىدۇ، يىگىت تۇغۇلغان يېرىگە تارتىدۇ. ئاچچىق ئەقىلنى كېسەر، تاتلىق كۆڭۈلنى يېشەر. ئادەم دوستى بىلەن،...
داۋامىنى ئوقۇڭ!