ق

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى

1982ـ يىلى 12ـ ئاينىڭ 4ـ كۈنى 5ـ نۆۋەتلىك مەملىكتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5ـ يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1982ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 4ـ كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلانى بىلەن يولغا قويۇشقا جاكارلانغان، 1988– يىلى 4ـ ئاينىڭ 12– كۈنى 7ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1– يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى»، 1993– يىلى 3 – ئاينىڭ 29– كۈنى 8– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1– يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىلتىلمىسى» ۋە 2004– يىلى 3– ئاينىڭ 14– كۈنى 10– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇلتىيىتىنىڭ 2– يىغىنىدا ماقۇلللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى» گە ئاساسەن تۈزىتىلگەن. 1 – باب ئومۇمىي پروگرامما 1 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى، دېھقانلار ئىتتىپاقىنى...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى (1984-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 20-سانلىق يىغىنىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن تۈزىتىلگەن). «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغان نېگىزلىك قانۇندۇر. بىرىنچى باب: ئومۇمىي پرىنسىپ 1-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن تۈزۈلدى. 2-ماددا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلار ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەرگە بۆلۈنىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس قىسمىدۇر. 3-ماددا مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردا ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىدۇ،...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ماقال-تەمسىللەر (ق)

قاپىقى ئۇششۇق، پۇلىغا تۇشلۇق. قاتاردىن قالما، خاتادىن قال. قاتتىق ياغاچنى يۇمشاق قۇرت يەيدۇ. قاچىنىڭ تېگىدە قاچا بار، ساقتىن زېرەك گاچا بار. قارنى باشقىنىڭ قايغۇسى باشقا. قازاندا نىمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقار. قاسساپ ياغ قايغۇسىدا، ئۆچكە جان قايغۇسىدا. قاشاڭ ئاتقا مىنگۈچە، پىيادە ماڭ ئۆلگۈچە. قاغا بالام ئاپئاق، كىرپە بالام يۇمشاق. قاغا جىگدىنى يىمەڭ، مەيدەم ئاغرىدى دىمەڭ. قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇماس. قامچىغا كۈچىمەي، يەمگە كۈچە. قانائەتلىك كىشىنىڭ قارنى توق. قاننى قان بىلەن يۇغىلى بولماس. قورققان يەردە جىن بار. قورقۇنچاق ئۆلمەي تۇرۇپ مىڭ قېتىم ئۆلەر. قوشتىن چىقىرىپ سۆرەمگە ساپتۇ. قوشماق تەس، ئايرىماق ئاسان. قوڭۇمدا ئىشتان يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى. قول قولنى يۇسا، قول كىلىپ يۈزنى يۇيار. قولى بىلەن ئېلىپ، پۇتى بىلەن بېرىپتۇ. قولى قىسقىنىڭ يول قىسقا. قولى ئوچۇقنىڭ يولى ئوچۇق. قومۇش ئۆيۈم، كۈمۈش ئۆيۈم. قويرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە سېتىپتۇ. قۇرساق توق، كۆڭۈل خوش. قۇرساق ئاغرىقىڭ بولمىسا تاۋۇز يىيىشتىن قورقما. قۇرساقنىڭ ئاچقىنى...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

قۇربان مامۇت

قۇربان مامۇت

تۆھپىكار ژۇرنالىست قۇربان مامۇت 1950-يىلى، كۇچار ناھىيەسى بېھىشباغ يېزا، بوستان كەنتىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، 1972-يىلدىن 1976-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1976-يىلىدىن 1984-يىلغىچە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ خىزمەت قىلغان، 1985-يىلىدىن باشلاپ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا مەسئۇل مۇھەررىر، باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ 2011-يىلى  پېنسىيەگە چىققان. قۇربان مامۇت «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا مەسئۇل خىزمەتتە بولغان بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدىكى سەرخىل قەلەمكەشلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەققىدىكى بىر يۈرۈش نادىر ئەسەرلىرىنى تاللاپ مەزكۇر ژۇرنالدا ئېلان قىلغان. ژۇرنالىست قۇربان مامۇت ئاكا ئۇزاق يىللىق ژۇرنالىستلىق ھاياتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئويغىنىشىنى ئىزچىل رەۋىشتە ئۆز خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ تىكلىگەن. ئۆزى ئىشلەۋاتقان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تاكى شائىر بەگمەت يۈسۈپ مەسئۇل مۇھەررىرلىك...

داۋامىنى ئوقۇڭ!