ئە

ئەركىن ئابدۇللا

ئەركىن ئابدۇللا - Erkin Abdulla

ئەركىن ئابدۇللا ئۇيغۇر مىللىتىدىن چىققان ياش سەنئەتكار، جۇڭگو مۇزىكانتلار بىرلەشمىسى مودا مۇزىكا ئىلمىي جەمىيئىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو فىلامېنكو جەمىيئىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى. ئۇنىڭ مۇزىكا ئۇسلۇبى كۆپ خىل مۇزىكا ئېلمنتلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاۋازى ۋە كامالەتكە يەتكەن گىتتار ماھارىتىگە مىللىيچە ۋە زامانىۋى، ئەنئەنىۋى ۋە مودا ئۇسلۇبلار قوشۇلۇپ ئۇنىڭ مۇزىكىلىرى تەدىرجى ھالدا مىللەت ھالقىغان كۆپ خللاشقان مۇزىكا ئۇسلۇبى بولۇپ شەكىللەنگەن. 2002-يىلى ئەركىن ئابدۇللانىڭ نەشىردىن چىققان بىرىنچى پىلاستىنكىسى «قۇملۇقتىن چىققان دولان» ۋە «دولان» ناملىق ناخشىسى نەننىڭ خەلقئارالىق مىللىي سەنئەت بايرىمىدا ئايرىم– ئايرىم ھالدا «ئەڭ ياخشى پىلاستىنكا مۇكاپاتى» ۋە «ئەڭ ياخشى خاسلىق مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. 2003-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان پۈتۈن مەملىكەتلىك ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ناخشا مۇسابىقىسىدە ئاممىباپ ئۇسلۇپ بويىچە...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز

دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز

ئەركىنئاي ئابلىز 1976- يىلى بۈگۈر ناھىيىسىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1997- يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، باكلاۋۇر ئۇنۋانىنى ئالدى. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۆزلۈكىدىن رۇس تىلى ئۆگەندى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بۈگۈر ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۇ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئىرادە باغلاپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئۆزلۈكىدىن ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەندى. شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرانت تەربىيىلەش مەركىزىدە «قوللانما ماتېماتىكا» كەسپىدە ئىككى يىل دەرس ئالدى. ئامېرىكىدا ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار «توفىل» (TOEFL) دەپ ئاتىلىدىغان ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى بىلەن «GRE»دەپ ئاتىلىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ كەسپىي دەرسلىرىنى مەزمۇن قىلغان يەنە بىر ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولمىسا بولمايدۇ. ئەركىنئاي...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئەركىن سىدىق

ئەركىن سىدىق

ئەركىن سىدىق 1950-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى جۇڭگودا باشلانغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ قالايمىقانچىلىقى ھەممە يەرنى قاپلىغان مەزگىللەردە ئاقسۇدا تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىنى ئۇيغۇر دىيارىنى ئاچارچىلىق بېسىپ كەتكەن مەزگىلدە قوسىقى تويغۇدەك تاماق يېيەلمەي ئۆتكۈزگەن. باشلانغۇچ مەكتەپنى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ قالايمىقانچىلىقى ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاقسۇ شەھەرلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان (بۇ مەكتەپ ھازىر خەنزۇ مەكتەپ قىلىۋېتىلگەن ‏ـــــ مۇھەررىردىن). ئوتتۇرا مەكتەپنى «دېڭ شياۋپىڭنى كۆرەش قىلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ قويۇپ مەكتەپ باشقۇرۇش» ھەرىكەتلىرى بولىۋاتقان دەۋىردە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. نۇرغۇن ۋاقىتلىرى سىياسىي ھەرىكەتكە قاتنىشىش ۋە يېزا ئىگىلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، يېزا-زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەش بىلەن ئۆتكەن. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتى كونىشەھەر ناھىيىسىدىكى (ھازىر ئونسۇ ناھىيىسى دىيىلىدۇ ـــــ مۇھەررىردىن) بىر يېزىغا «قايتا تەربىيە» ئېلىش ئۈچۈن بېرىشقا مەجبۇر بولغان....

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئەپچىل

سۈپەت ①چاققان، چېۋەر، چەبدەس: سادىقنىڭ ئەپچىل بىر ئىنىسى قازناقنىڭ تۈڭلۈكىدىن چۈشۈپ تۇلۇمنى يېشىۋېتىپتۇ. ②ئەپلىك، قۇلاي، مۇۋاپىق، باب: ئەخمەتجان ئۇنىڭ قولىدىكى ۋېلىسىپىتنى ئېلىپ ئۆستەڭ بويىغا ئەكىلىپ ئەپچىل بىر جايغا قويۇپ قويدى. ③كېلىشكەن، تۈزۈك، جايىدا: ئۇ بۈگۈن ئۆزىگە گىرىم قىلىپ، چاچلىرىنى يۇيۇپ-تاراپ، خېلىلا ئەپچىل ئايال بولۇپ قالغانىدى.

ئەترەت

1. ئىسىم [رۇسچە] ①ھەربىي گۇرۇپپا: بىز بەشىمىز رەتلىك تىزىلىپ، ھەربىي قائىدە بويىچە يېڭى ئەترەت باشلىقىمىزنى قارشى ئالدۇق. ②بىرەر ئىش، پائالىيەت، خىزمەت ئۈچۈن ئويۇشتۇرۇلغان كىشىلەر توپى، گۇرۇپپا: ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا، سىنىپ بويىچە بىرىنچى تۈركۈمدە قىزىل گالستۇك تاقاپ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى بولغان. 2. ③<بىئولوگىيە> بىئولوگىيىدىكى بىر سىنىپقا ياتىدىغان ۋە بەلگىلىرىنىڭ ئوخشاشلىقىغا ئاساسەن ئايرىلغان جانلىقلار توپى. مەسىلەن: قۇشلار سىنىپى، توخۇ شەكىللىكلەر ئەترىتى، قارىغاي سىنىپى، كۈمۈشئۆرۈك ئەترىتى دېگەنلەرگە ئوخشاش.