ئىنسانشۇناسلار

ئۆمەرجان نۇرى

ئۆمەرجان نۇرى

ئۆمەرجان نۇرى 1968-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ قاراساي يېزىسىدا بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى قاراساي، قويچى يېزىلىرىدا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قاراقاش ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1986-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە ئەلا نەتىجە بىلەن خىتاينىڭ چاڭچۈن شەھىرىدىكى شەرقى-شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى يىل تەييارلىق ئوقۇغاندىن كېيىن، شەرقى-شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۆت يىللىق تارىخ كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، 1992-يىلى خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپى (ھازىرقى خوتەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى) گە تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشقا چۈشكەن. 2000-يىللىرى بېيجىڭدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىخ پەنلىرىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئۆمەرجان نۇرىنىڭ «نۇشرىۋان يائۇشېفنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىدا ئۇيغۇرلار»، «تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1732-يىلىدىكى شەرققە كۆچۈشى ھەققىدە بىر مەلۇمات»، «ئاتالمىش ياش قەشقەرلىكلەر پارتىيەسى ۋە ئەندىجان...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى

مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى

ئاتاقلىق تىلشۇناس، ئىجتىھاتلىق ژۇرنالىست، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تەتقىقاتچىسى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى ئەپەندى 1950-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلىدىن 1971-يىلىغىچە قايتا تەربىيەدە بولغان. 1983-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1991-يىلىدىن تارتىپ «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» دا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ مەنىسى» ناملىق كىتابى 1992-يىلى بېسىلغان. كېيىن يەنە «ئىسىمنى قانداق قويۇش كېرەك»، «ئىسىم قويۇش قوللانمىسى»، «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى» (1998) قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە 30 پارچىدىن ئارتۇق ماقالا ئېلان قىلغان، بۇ ماقالىلارنىڭ كۆپى «خەزىنىلەر ئاچقۇچى» (2006) ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. «ئەرەب تىلىدىن ئاساس» ناملىق ئۈچ قىسىملىق كىتابى، «ئەرەبچە سۆزلىشىش»، «ئەرەب تىلى ئېلىپبەسى»، «ئەرەب تىلى قائىدىلىرى»، «ئەرەب تىلىنى مۇئەللىمسىز ئۆگىنىش» دېگەن كىتابلىرى نەشر...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

راھىلە داۋۇت

راھىلە داۋۇت

راھىلە داۋۇت (Rahile Dawut) 1966- يىلى 5- ئايدا ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1983- يىلى 9- ئايدىن 1987- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا تولۇق كۇرستا ئوقۇغان. 1987- يىلى 9- ئايدىن 1990- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. 1994-يىلى 9- ئايدىن 1995- يىلى 7- ئايغىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1995- يىلى 9- ئايدىن 1998- يىلى 7- ئايغىچە بىيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا فولكلور كەسپى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ مازار مەدەنىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998- يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1999- يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2002- يىلى فولكلور ئىلمى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانت...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

رەشىد رەھمەتى ئارات

رەشىد رەھمەتى ئارات ۋە ئۇيغۇرلار

ئاپتورى: يۈسۈپجان ياسىن (تەرجىمە ئەسەر) رەشىد رەھمەتى ئارات قازان تاتارلىرىدىن يېتىشىپ چىققان دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە مەشھۇر تۈركولوگ. ئۇ 1900- يىلى قازان شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كونا ئۈجۈمدە تۇغۇلغان. 1906-1910-يىللاردا باشلانغۇچ تەربىيىسىنى ئالغان. 1913- يىلى قىزىليار شەھىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1918- يىلى لىسە (تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ) نى تاماملىغان. 1917-يىلىدىكى بولشىۋېك ئىنقىلابىدىن كېيىن تۈرلۈك جەمئىيەتلەر قۇرۇلۇپ، ئۇلار قارمىقىدا ھەر خىل ژورناللار چىقىرىلىشقا باشلىغان. رەشىدى رەھمەتى ئارات دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە «بىرلىك» نامىدىكى بىر جەمئىيەتنى قۇرۇپ، «ياشلىق تېڭى» دېگەن بىر ژورنالنى چىقارغان ۋە دەستلەپكى قەلەم سىناقلىرىنى مۇشۇ ژۇرنالدىن باشلىغان. رەشىد رەھمەتى ئارات 1918- يىلى ئەسكەرلىككە ئېلىنىپ، ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلگەن. 1919-يىلى يارلىنىپ سىبىرىيىگە يۆتكىۋىتىلگەن. ئۇ، سىبىرىيىدە قازان تاتارلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەرلەردىكى مەدەنىيەت ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىم ئىجراچىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. 1922- يىلى گېرمانىيىگە بېرىپ پەلسەپە...

داۋامىنى ئوقۇڭ!