غ

ماقال-تەمسىللەر (غ)

  • غازنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن دەپ قاغىنىڭ پۇتى سۇنۇپتۇ.
  • غەم باسسا، غەپلەتمۇ باسار.
  • غەم قىلغۇچە پەم قىل.
  • غەيرەتلىك ئەردىن تاغ قېچىپ قۇتۇلالماس.
  • غەيرىتىڭ بولسا يۇلتۇز سانايسەن.
  • غورا غورىنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ.
  • غۇلاچقا چىداپ غېرىچقا چىدىماپتۇ.
  • غۇلىچى تۈگەپ غېرىچى قاپتۇ.
  • غېرىبسىنساڭ ئوتسىن.

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد 1971- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1988- يىلى قوشتاغ يېزىسىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1990- يىلىدىن 2002- يىلغىچە خوتەن پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2004- يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك يولۇچىلار توشۇش باش بېكىتىدە ئىشلەپ كەلمەكتە. ئەدەبىي ئىجادىيىتى «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 1990- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان «مېنىڭ جەننىتىم» ناملىق شېئىر بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرچە يېزىقتا چىقىۋاتقان ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 2000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە نەسىرلىرى ئېلان قىلىندى. 30 پارچىگە يىقىن شېئىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىندى. «مەشرەپ چۆلى»، «ئەرنىڭ ئېپپىتى»، «رەزىل ئاپتاپ»، «دۇتارچى ئايال» ناملىق 50 پارچىگە يىقىن شېئىرلىرى ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «كۆكنۇر شېئىرىيەت مۇكاپاتى»،...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

غازى ئەمەت

غازى ئەمەت

داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت ئەپەندى 1935-يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ قوغان (ھازىرقى نەزەرباغ) يىزىسىدا دىنى زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى ئەخمەت قازىئاخۇنۇم ئۇقۇمۇشلۇق ئادەن بولغاچقا غازى ئەمەتنى ئەتراپلىق تەربىيلىگەن، 1946-يىلىدىن 1950-يىلغىچە دىنى بىلىم ئالغان. كىچىكىدىن رەسىم سىزىشقا، رەسساملىققا ھەۋەس قىلىپ كەلگەن غازى ئەمەت بالىلىق ۋاقىتلىرىدىلا رەسىم سىزىپ باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. غازى ئەمەت 1952-يىلى قەشقەر سىفەن مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ شۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىپ رەسساملىق ساھەسىگە چۇڭقۇر ئۇل سالغان. ئۇ 1954-شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسىم فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە ئۇ يەردىمۇ تىرىشىپ رەسىم ئىجادىيىتىگە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەشىق قىلغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن شۇ مەكتەپتە ئىشلىگەن. غازى ئەمەت جۇڭگۇ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم...

داۋامىنى ئوقۇڭ!