چ

ماقال-تەمسىللەر (چ)

چاپاننىڭ يېڭىسى ياخشى، دوستنىڭ كونىسى ياخشى. چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىپتۇ چاپىنى بارغا مۇشت ئاتاي، جۇۋىسى بارغا تور كەتسۇن چاپىنىغا قارىما، ئادىمىگە قارا چاپىنىمدا تۆت يانچۇق، خەجلەي دېسەم بىر پۇل يوق چاسا ئۆلچۈك يۇمىلاق مۇجۇققا چۈشمەس چاشقان ئەرزىنى مۈشۈك تەستىقلىماپتۇ چاشقاننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە، مۈشۈكنىڭ قويرۇقىغا ئېسىلار چاققانغا بار، لايپۇسقا يوق چاقىدا گۇناھ يوق، تانىسى بۇزۇق. قىزىدا گۇناھ يوق، ئانىسى بۇزۇق. چالا تىلماچ ئادەم ئۆلتۈرەر چالا موللا دىن بۇزار چالا موللا ۋاراقلايدۇ، ئەگرى نوغۇچ تاراقلايدۇ چاۋاك ئىككى قولدىن چىقار چايناپ بەرگەن ناننىڭ تەمى يوق. چوڭ باشنى ئاچسا، كىچىك كۆتنى ئاچار چوڭ دەرەخنىڭ سايىسى چوڭ بولىدۇ چوڭغا چوڭچە، كىچىككە ئوڭچە چۆچۈرە چۆرۈلگۈچە، ئۈگرە ئۆرۈلگۈچە چۆچۈرە كۆلدە پىشار، مانتا چۆلدە چۆچۈرە يېيىشتىن مەقسەت گۆش يېيىش چۆگۈن قاينىسا ئۆز بوينىغا تاشار چۈجىنى كۈزدە سانا، چۆچۈرىنى پىشقاندا چۈجە خوراز بىلگىنىنى قىچقىرار چۈشكە نىمە كىرمەيدۇ، دۈشمەن نىمە دىمەيدۇ چۈشلۈك ئۆمرۈڭ بولسا،...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

چىمەنگۈل ئاۋۇت

چىمەنگۈل ئاۋۇت

ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت 1973- يىلى 6- دىكابىر قەدىمىي شەھەر قەشقەردە تۇغۇلغان. 1991- يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ جوڭگۇ تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدىلا شىنجاڭ ياش ئۆسمۇرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «تەتۇر چىقىن» نەشىرقىلىنغان، 1996- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئەدىپلىك ھاياتىئۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قىلىنغان «قىساس غۇنچىسى»، «تاش ياپراق»، «بارسا كەلمەس يول» قاتارلىق شىئېرلار توپلاملىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىزچىل ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن. «شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى» ناملىق داستانى 14- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئىرىشكەن. چىمەنگۈل ئاۋۇت 2004- يىلى شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق «ئاياللار ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنى» دا «شىنجاڭدىكى ئون مەشھۇر ئايال ئەدىپ»...

داۋامىنى ئوقۇڭ!