ئۆتكەن ئۆمۈر – ئاققان سۇ. ئۆتكەن ئىش سالاۋات. ئۆچ كۆرگەننى ئوتتۇز قېتىم كۆرۈپتۇ. ئۆچكىنىڭ ئوچۇق تۇرسا ھېچ گەپ يوق، قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا ھويت – ھويت. ئۆز ئۆيۈمنىڭ بوشلۇقى، پۇت – قولۇمنىڭ خوشلۇقى. ئۆز ئېلىڭنىڭ نېنىنى يە، كېچە – كۈندۈز غېمىنى يە. ئۆزگىگە ئۆلۈم تىلىگىچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە. ئۆزۈڭ قىڭغىر بولساڭمۇ، گېپىڭ تۈز بولسۇن. ئۆزۈڭ ئۈچۈن كۈلەرسەن، يۇرتۇڭ ئۈچۈن ئۆلەرسەن. ئۆزۈڭگە ياخشىلىق تىلىسەڭ، كىشىگە يامانلىق قىلما. ئۆزۈڭگە ياقمىغاننى كىشىگە تاڭما. ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي. ئۆزۈڭنى چاغلا، بېلىڭنى باغلا. ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە، كۈچۈڭنى خار قىل. ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا. ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى بىلمەكچى بولساڭ، كىشىنىڭ قىزىغا ئەلچى ئەۋەتىپ كۆر. ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي داۋاغا. ئۆزۈمنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن، پالاسقا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن. ئۆزى بولالمايدۇ، بولغاننى كۆرەلمەيدۇ. ئۆزى تويسىمۇ كۆزى تويماس. ئۆزىنى سورىغان يۇرت سورار. ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى كەكە چېپىپتۇ. ئۆزىنىڭ ئۆزىگە، توپىسى...
داۋامىنى ئوقۇڭ!