ئۆمەرجان نۇرى 1968-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ قاراساي يېزىسىدا بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى قاراساي، قويچى يېزىلىرىدا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قاراقاش ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1986-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە ئەلا نەتىجە بىلەن خىتاينىڭ چاڭچۈن شەھىرىدىكى شەرقى-شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى يىل تەييارلىق ئوقۇغاندىن كېيىن، شەرقى-شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۆت يىللىق تارىخ كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، 1992-يىلى خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپى (ھازىرقى خوتەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى) گە تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشقا چۈشكەن. 2000-يىللىرى بېيجىڭدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىخ پەنلىرىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئۆمەرجان نۇرىنىڭ «نۇشرىۋان يائۇشېفنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىدا ئۇيغۇرلار»، «تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1732-يىلىدىكى شەرققە كۆچۈشى ھەققىدە بىر مەلۇمات»، «ئاتالمىش ياش قەشقەرلىكلەر پارتىيەسى ۋە ئەندىجان...
داۋامىنى ئوقۇڭ!











