ھ

ماقال-تەمسىللەر (ھ)

  • ھازىغا بارغان خوتۇن، ئۆز يىغىسىنى يىغلار.
  • ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارت.
  • ھايالىق كىشى – باھالىق كىشى.
  • ھورۇن ئادەم يەرگىمۇ يۈك.
  • ھۆنەر – تۈگىمەس گۆھەر.
  • ھۆنەرلىك ئادەم خار بولماس، دوست – دۈشمەنگە زار بولماس.
  • ھېسابلىق دوست ئايرىلماس.
  • ھىيلىلىك ئىشتا خەير يوق.
  • ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقىچە.
  • ھەرىكەتتە بەرىكەت، بىكارچىلىقتىن نېرى كەت.
  • ھەقىقەت ئېگىلەر، سۇنماس.
  • ھەممىنى كۆرگەن كۆز ئۆزىنى كۆرمەس.