ي

ماقال-تەمسىللەر (ي)

يا سايرامدىن چىقار، يا قاينامدىن چىقار. يا ئەلەمدە يوق، يا قەلەمدە يوق. ياپسام تۇتارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ. ياتار قورساق – كېتەر قورساق. ياتنىڭ ياندىن ئۆتەر، تۇغقاننىڭ جاندىن ئۆتەر. ياخشى بولسا ئۆزىدىن كۆرىدۇ، يامان بولسا ئۆزگىدىن كۆرىدۇ. ياخشى دوست تاشلىماس، يامان يولغا باشلىماس. ياخشى سۆز تاشنى يارار، يامان سۆز باشنى يارار. ياخشى سۆز دىلنى ئېرىتىدۇ، يامان سۆز جاننى قېرىتىدۇ. ياخشى ئىت ئۆلۈكىنى كۆرسەتمەس. ياخشىدىن جاپا كەلمەس، ياماندىن ۋاپا كەلمەس. ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۈلۈم يوق. ياخشىلىق تۆرگە باشلايدۇ، يامانلىق گۆرگە باشلايدۇ. ياخشىلىق قىل، يامانلىق كۈت. ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى. ياخشىنىڭ قەدرىنى يامان بىلمەس. ياز بولسا قىش بولمىسا، ئاش بولسا ئىش بولمىسا. ياسانچۇق توڭىمايدۇ، تىتىرەيدۇ. ياش تۆككىچە مۇشت تۈگ. ياش قېرىتماس، غەم قېرىتار. ياشلىقىڭدا بىلىم ئال، قېرىغاندا ئىشقا سال. يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام. يالغۇز يۈرۈپ يول تاپقۇچە چىشىڭ تۆكۈلەر. يالغۇز...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

يىلتىز تۈكلۈك قىسمى

<بوتانىكا> يىلتىز تۈكچىلىرى ئۆسۈپ چىقىدىغان قىسمى. ئۇ ئۇزارغۇچى قىسمىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى بىر سانتىمېتىردىن بىر قانچە سانتىمېتىرغىچە ئارىلىقتىكى ئورۇنغا جايلاشقان، ئادەتتە ئۇ سۇ ۋە ئانئورگانىڭ تۇزلارنى سۈمۈرىدىغان مۇھىم قىسىم ھېسابلىنىدۇ.

يىلتىز تۈگۈنچە باكتېرىيىسى

<بوتانىكا> باكتېرىيىنىڭ بىر خىلى. پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز قىسمىدا يىلتىز تۈگۈنچىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئازوتلۇق بىرىكمىلەرنى سىنتېزلاپ، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئۇنى ئۇرۇق بىلەن ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق، زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.

يىلتىز تۈگۈنچىسى

<بوتانىكا> پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز قىسمىدا ئۆسىدىغان شار شەكىللىك كىچىك تۈگۈنچە، يىلتىز تۈگۈنچە باكتېرىيىسىنىڭ يىلتىز قىسمىغا كىرىشى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارىلىدۇ.

يىلتىز تىكىش

<بوتانىكا> بەزى ئۆسۈملۈكلەرنى كۆپەيتىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. بۇنىڭدا ئۆسۈملۈك يىلتىزى بىر قانچە بۆلەككە بۆلۈنۈپ يەرگە كۆمۈلىدۇ. شۇ ئارقىلىق بىر قانچە مۇستەقىل ئۆسۈملۈك تېنى ئۆستۈرۈلىدۇ. مەسىلەن، مامكاپنى مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن كۆپەيتىشكە بولىدۇ.

يىلتىز سىرتىدىن ئوغۇتلاش

<دېھقانچىلىق> ئوغۇتلاشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. بۇنىڭدا سۇيۇق ياكى پاراشوك ھالەتتىكى ئوغۇت ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقىغا پۈركىلىپ، ئۆسۈملۈكنى قوبۇل قىلدۇرىدۇ. بۇ كۆپىنچە ئۆسۈملۈكنىڭ ئاخىرقى ئۆسۈش مەزگىللىرىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يىلتىز كۇلىسى

<بوتانىكا> قىرىققۇلاق خىلىدىكى بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاساسىي غولىنىڭ ئالاھىدە بىر تارماق شېخى. ئادەتتە يوپۇرماق بولمايدۇ. بۇ شاخنىڭ چوققىسىدىن تۇراقسىز يىلتىزلار ئۆسۈپ چىقىپ، پەسكە قاراپ ئۆسۈپ، تۇپراققا كىرىدۇ. ئۇ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ۋە غولنى تىرەپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.