پ

پايسىنماق

پېئىل ①بىرەر ئىش-ھەرىكەت ياكى گەپ-سۆز قىلىشتىن رايى قايتماق: مەن بۇ ئىشنى قىلىشتىن سەل پايسىنىپ قالدىم. ②بەرداشلىق بېرەلمەسلىك، بوشاشماق.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

پروتون

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] <فىزىكا> ئاتوم يادروسىنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي زەررىچىلەرنىڭ بىرى، مۇسبەت زەرەتلىك، ئۇنىڭ زەرەت مىقدارى ئېلېكتروننىڭ 1836.5 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. ھەر خىل ئاتوملارنىڭ تەركىبىدىكى پروتونلار سانى ئوخشاش بولمايدۇ.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

پرىتسېپ

ئىسىم [رۇسچە] پاراۋۇز ياكى ئاپتوموبىلغا چېتىلىدىغان، ئۆزىدە ھەرىكەتلەندۈرۈش قۇرۇلمىلىرى بولمايدىغان قاتناش قوراللىرى؛ كوزۇپ، ۋاگون.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

پسىخولوگ

ئىسىم [رۇسچە] ①<پسىخولوگىيە> پسىخولوگىيە ئالىمى، پسىخولوگىيە مۇتەخەسسىسى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. كىشىنىڭ پسىخولوگىيىسى، مىجەز-خۇلقى، روھىي ھالىتىنى ياخشى بىلىدىغان، شۇنىڭغا قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان سەزگۈر ئادەم.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

پلۇتون

ئىسىم [گرېكچە] <ئاسترونومىيە> قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ پلانېتىنىڭ بىرى. ئۇ توققۇز پلانېتىنىڭ قۇياشقا بولغان يىراق يېقىنلىق رەت تەرتىپىدىن سانىغاندا توققۇزىنچى، شۇنىڭدەك قۇياشقا ئەڭ يىراق ۋە ئەڭ كىچىك پلانېتا ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قۇياشنى ئايلىنىش ئومۇمىي دەۋرىي 842 يىل؛ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى سېلسىيە 20گرادۇس؛ بىر دانە سەييارە يەنە ئۇنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

پوچتىكەش

ئىسىم ①«پوچتا» دېيىلىدىغان ھارۋىنى ھەيدىگۈچى كىشى: شۇ چاغدا پوچتىكەش ئويناقلاپ تۇرغان ئاتلارنى كەينىگە شوخشىتىپ، پوچتىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. ②ئىسىم [ر+پ] پوچتىخانىنىڭ خەتالاقە، گېزىتژۇرنال قاتارلىق نەرسىلىرىنى توشۇغۇچى خادىمى: دەرۋازا غىچىلداپ ئېچىلىپ، پوچتىكەش كىرىپ كەلدى.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!