خەتتاتلار

ئابلىكىم ئەمەت

ئابلىكىم ئەمەت

فوتوگراف ۋە خەتتات ئابلىكىم ئەمەت 1963-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋەتىنىمىزدىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى خوشۇت ناھىيەسىدە ئوقۇغان. ئالىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن. ئابلىكىم ئەمەت كىچىكىدىنلا گۈزەل-سەنئەتكە، رەسىم سىزىش ۋە ھۆسن خەت يېزىشقا ئئشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا نەشىر قىلىنغان نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ھۆسن خەت ۋە فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. ئابلىكىم ئەمەت پەۋقۇلئاددە تالانتلىق فوتوگراف، ئۇنىڭ سۈرەتكە ئالغان ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەنزىرىسى، دەريالىرى، تاغلىرى، قەدىمكى دەرەخلىرى ۋە پەقەت تەبىئەتلا يارىتالايدىغان رەڭدارلىقنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ۋەتىنى، تارىخ، مەدەنىيەت، ئەنئەنە ۋە رىۋايەتلىرىنى تەنتەنە قىلىدۇ ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ سېغىنىشى ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ توغرا پەيتنى تۇتالىغان بۇ فوتو-سۈرەتلەردىكى ئوبرازلارنىڭ مۇكەممەللىكى، فوتوگرافنىڭ كۈزىتىشچانلىقىدىكى خاسلىق، ئۆزگىچىلىك ھەمىشە...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

نىياز كېرىم شەرقى

نىياز كېرىم شەرقى

نىياز كېرىم شەرقىي 1948- يىلى 10-ئايدا تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر جۇڭگو خەتتاتلار جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەمدە جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتى تەھرىرلىك، نەشر قىلىش كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى . جۇڭگو تارىخ موزىيى گۈزەل سەنئەت گالىرىيىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارىخ مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئىتى، ئاپتونوم رايونلۇق چەتئەللەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەتتاتلار، رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت ئۇستازى. ئۇيغۇر خەتتاتلقىدا يىتەكچىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان پەخىرلىك ئ‍ۇستاز نىياز كېرىم شەرقىگە 2015-يىلى شىۋىتسيە خان جەمەتى تەرىپىدىن پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى ھەم ئوردىن تەقدىم قىلىندى. نىياز كېرىم شەرقىنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ۋە...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

شېرىنگۈل يۇنۇس

شېرىنگۈل يۇنۇس

شېرىنگۈل يۇنۇس 1989- يىلى 12- ئايدا قومۇل شەھەرلىك پالۋانتۇر يېزا دۆربەجىن يوقىرى مەھەللە كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزنى قومۇلدا تاماملاپ، 2006- يىلى بېيجىڭ چاڭپىڭ 2- ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن. 2010- يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شەرقى شىمال ئورمانچىلىق ئىنىستىتوتىنىڭ باغۋەنچىلىك فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 2014- يىلى 7- ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قومۇلغا قايتىپ كەلگەن. شېرىنگۈل ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى تەربىيەسى ۋە ئوقۇتقۇچىسى تۇرسۇنجان ئىسھاقنىڭ تەسىرىدە، كىچىكىدىنلا خەتتاتلىققا ۋە رەسىم سىزىشقا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، 2003-يىلى تەتىل مەزگىلىدە ئۇستازى ئەسەت مۇھەممەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەتتاتلىقنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى تىكلىگەن. قومۇلدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە بىر قانچە پارچە ھۆسىنخەت ئەسىرى ئاپتۇنوم رايون، ۋىلايەتلىك مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنمۇ خەتتاتلىققا بولغان قىزىقىشى قىلچە سۇسلاپ...

داۋامىنى ئوقۇڭ!