م

مۆمىنجان ئابلىكىم

Mominjan Ablikim - مۆمىنجان ئابلىكىم

مۆمىنجان ئابلىكىم 1976-يىلى 18-مارت كۈنى مېھرى ئاتەش زېمىن قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى تۇمشۇق رايونى (ھازىرقى تۇمشۇق شەھىرى) غا قاراشلىق شاقۇ يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر خەلق سەنئەتكارى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مۆمىنجاننىڭ ئائىلىسى جايلاشقان شاقۇ يېزىسى «دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى كۆمۈلگەن» تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ سىرلىق قۇچىقىغا سوزۇلۇپ كىرگەن بولۇپ، پۈتۈنلەي مىللىي تۈس ئالغان ئەلنەغمە-مەشرەپلەر، سېھىرلىك رىۋايەت-چۆچەكلەر، دالىنى قاپلىغان سانسىز توغراقلار مۆمىنجاننىڭ سەبىي چاغلىرىدىكى تۇرمۇش رېئاللىقى ئىدى. سەبىي مۆمىنجان ئۆتمۈش ۋە بۈگۈگە شاھىد بولغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن، يۈكسەك ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئاشۇ قەدىم توغراقلىقلاردا ئوينايتتى، چارچىغاندا توغراقلارنىڭ سايىسى ئاستىدا ئولتۇرۇپ خىيال سۈرەتتى. چۆچەكلەردىكى بەخت-سائادەت ئەلچىسى بولمىش ئاپئاق ساقاللىق خىزىر بوۋاي، گۈزەل بىر نازىنىننى كۈيلەپ راۋاب چېلىۋاتقان ئاشىق يىگىت، گۈل -چىچەكلەردىن بېزەك تاقىغان ئاق قاناتلىق پەرىزات قىز … قاتارلىق سېھىرلىك ئوبرازلار...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

مەھمۇت سۇلايمان

Mahmut Sulayman - مەھمۇت سۇلايمان

مەھمۇت سۇلايمان 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1981-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىدە ئوقۇغان، 1985-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، قەشقەر سەنئەت ئۆمىكىدە ئۇسسۇلچى بولۇپ ئىشلىگەن. سەنئەت ئۆمىكىدە ئۇسسۇلچى بولۇپ ئىشلىگەچ، ناخشا-مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1990-يىلى «رىۋايەت» مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان. 1992-يىلى «سالام دوستلار»، 1993-يىلى «شۈكرى دېدىم»، 1995-يىلى «يۇلتۇزۇم» ناملىق ئىجادىي ناخشىلىرىنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى تارقاتقان. 1997-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ تەكلىپى بىلەن يۆتكىلىپ كەلگەن. شۇندىن باشلاپ، «بۇ چۈش ئەمەس»، «ئازابلىق لەززەت»، «سەھرادىن كەلگەن دادا»، «قاراڭغۇ تاغ»، «سەھرادىكى مۇڭ كۈي» قاتارلىق كىنولارنىڭ ناخشا-مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن. 2005-يىلى، شاڭخەي مۇزىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتاھان بېرىپ ئۆتكەن، 2006-يىلى «سېغىنمىدىڭمۇ» ناملىق MTV پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى مەھمۇت سۇلايمان ئەپەندىم 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى كېچىدە، 52 يېشىدا يۈرەك كېسىلى سەۋەبلىك خەلقىمىزدىن ئايرىلىپ، كۆڭلىدىكى بارچە قايغۇ-ھەسرەت ۋە...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ماقال-تەمسىللەر (م)

  • «مېنىڭ توغرا» دىگەن كۆپنى كۆرمەس.
  • ماڭغاننىڭ يولى تۈگەر، ئولتۇرغاننىڭ كۈنى تۈگەر.
  • مانتىغا پىياز، سامسىغا تۇز. ھەركىمنىڭ يارى ئۆزىگە ئۇز.
  • موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە.
  • موللا كۆپ بولسا، قوي ھارام ئۆلەر.
  • موللىغا ئون تاياق، نادانغا بىر تاياق.
  • موللىنىڭ دىگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما.
  • مۇت – زەھەر بولسىمۇ يۇت.
  • مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولماس.
  • مۇساپىر بولمىغۇچە يۇرتنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
  • مۇسۇلمانچىلىق ئاستا – ئاستا.
  • مۇھەببەت ئۆلۈمنى يېڭەر.
  • مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق گۆشكە ئامراق، قېرىنىڭ چىشى يوق تۆشكە ئامراق.
  • مېڭىشقا ئېرىنسەڭ يۈگىرەرسەن.
  • مېڭىشى ئۆزگەرگەن بىلەن مېڭىسى ئۆزگەرمىگەن.
  • مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا.
  • مەرتەم- مەرتەم، ئۈچ مەرتەم.
  • مەستلىك – پەسلىك.
  • مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس.
  • مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا.
  • مەن ئالدىرايمەن كەتكىلى، ئېشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى.

مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى

مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى

ئاتاقلىق تىلشۇناس، ئىجتىھاتلىق ژۇرنالىست، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تەتقىقاتچىسى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى ئەپەندى 1950-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلىدىن 1971-يىلىغىچە قايتا تەربىيەدە بولغان. 1983-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1991-يىلىدىن تارتىپ «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» دا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ مەنىسى» ناملىق كىتابى 1992-يىلى بېسىلغان. كېيىن يەنە «ئىسىمنى قانداق قويۇش كېرەك»، «ئىسىم قويۇش قوللانمىسى»، «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى» (1998) قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە 30 پارچىدىن ئارتۇق ماقالا ئېلان قىلغان، بۇ ماقالىلارنىڭ كۆپى «خەزىنىلەر ئاچقۇچى» (2006) ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. «ئەرەب تىلىدىن ئاساس» ناملىق ئۈچ قىسىملىق كىتابى، «ئەرەبچە سۆزلىشىش»، «ئەرەب تىلى ئېلىپبەسى»، «ئەرەب تىلى قائىدىلىرى»، «ئەرەب تىلىنى مۇئەللىمسىز ئۆگىنىش» دېگەن كىتابلىرى نەشر...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

مەمتىمىن ھوشۇر

مەمتىمىن ھوشۇر

مەمتىىن ھوشۇر – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن يازغۇچىلاردىن بىرىدۇر. ئۇ ئاساسلىقى پروزا ساھەسىدە مۇھىم ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان. ئۇ ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتىنڭ ئەزاسى.

قىسقىچە ھاياتى
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر 1944-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1962-يىلى غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1967-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1968-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك باغۋەنچىلىك مەيدانىدا قايتا تەربىيىدە بولغان، 1972-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە غۇلجا شەھىرى كېپەكيۈزى يېزىسىدا خەلق ئىشلىرى كادىرى، 1975-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدە تەشۋىقات كادىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.

يازغۇچىلىق ھاياتى
مەمتىمىن ھوشۇر 1979-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىدا مۇھەررىر، باش مۇھەررىر، ئىلى ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىس قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

1995-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر...

داۋامىنى ئوقۇڭ!