- ئوتنى سەل چاغلىما، كۆيدۈرىدۇ، دۈشمەننى كىچىك دىمە، ئۆلتۈرىدۇ.
- ئوتنى كوچىلىساڭ ئۆچىدۇ، قوشناڭنى كوچىلىساڭ كۆچىدۇ.
- ئوتنىڭ تېشىدا كۆيگۈچە ئىچىدە كۆي.
- ئورۇقنىڭ كۆڭلى يورۇق.
- ئوغرىنى قاراقچى سوقۇپتۇ.
- ئوق يەتمىگەن يەرگە قېلىچ شىلتىمە.
- ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىسىدىن ئۇلۇغ.
- ئوڭ قولۇڭنىڭ ئاچچىقى كەلسە، سول قولۇڭ بىلەن تۇتۇۋال.
- ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار.
- ئويلىماي سۆزلىسەڭ، ئاغرىماي ئۆلىسەن.
- ئويناپ دىسىمۇ كۆڭلىدىكىنى دەر.
- ئويناپ گەپ قىلساڭمۇ ئويلاپ گەپ قىل.
- ئويۇننى چىدىغانغا چىقارغان.
- ئويۇننى قەيەردە ئوينىساڭ، يىغاڭنى شۇ يەردە يىغلا.