ئالىم ئەھەت

بۇزۇلماق

①«بۇزماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: ئاناڭ ئۆگەي بولسا، تويۇڭ بۇزۇلار (ماقال).*ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزۈلىدۇ، خوتۇن كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلىدۇ (ماقال). ②«بۇزماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى: چۈشتىن كېيىن ئۇشتۇمتۇت ھاۋا بۇزۇلدى. ③نىكاھلىق يولدىشىدىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا بىرىگە قارىماق، بېرىلمەك: پاتەمخان بالىسىغا ئېچىنىش بىلەن قارىغاندىن كېيىن:-بۇنىڭ دادىسى. .. كېيىن ھازىرقى خوتۇنىغا بۇزۇلۇپ، مېنى ئاجرىشىشقا قىستىدى،-دېدى.

بۇزۇن

ئىسىم <بوتانىكا> ئۈچقات ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. كىچىك يوپۇرماقلىرى بەش تال بولۇپ، سوقىچاق كېلىدۇ؛ گۈلنىڭ رەڭگى سارغۇچ ياكى ئاقۇچ يېشىل مېۋىسى شىرنىلىك، رەڭگى توق قىزىل ۋە شارسىمان كېلىدۇ؛ يىلتىز پوستى ۋە يۇمران شېخى دورا قىلىنىدۇ، پەينى بوشىتىش، قاننى جانلاندۇرۇش، رېماتىزمنى داۋالاش رولى بار.