ئالىم ئەھەت

بەت

ئىسىم ①ئادەم بېشىنىڭ ئالدى تەرىپى؛ يۈزى. ②كىتاب، گېزىت-ژۇرنال ۋاراقلىرىنىڭ ھەر بىر يۈزى، سەھىپىسى: نىم شېھىت گېزىتنىڭ ئاخىرقى بېتىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقاندا پەردە ئېچىلىدۇ. ③بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستى، ئوڭ تەرىپى، سىرتى، يۈزى: تۇرۇپ قاپتۇ ئىككىسى، بىر پەس سۇغا قارىشىپ. جىلۋە قىلىپتۇ شولىسى، سۇ بېتىگە يارىشىپ.

بەتبەشىرە

[پارسچە، ئەرەبچە] ①سۈپەت. ئەلپازى، ئەپتى، چىرايى بۇزۇق؛ كۆرۈمسىز؛ سەت: ئۇ پاكار ۋە بەتبەشىرە بىر دوك كىشى ئىكەن. // ئۆينىڭ ئىچىدىن پېشانىسىدا پەقەتلا بىر كۆزى بولغان ئالامەت قورقۇنچلۇق بىر بەتبەشىرە چىقىپتۇ. ②ئىسىم. يامان قىياپەت، ماھىيەت:-ئۇنداقلارنىڭ بەتبەشىرىسىنى مەن بىر قاراپلا بىلىۋالىمەن،-دېدى بوۋاي ئورنىدىن تۇرۇپ.