ئالىم ئەھەت

بەيگىلىك

سۈپەت. ئات بەيگىسى ئۆتكۈزۈشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان، لايىق (مەيدان، جاي ھەققىدە): بىر بەيگىلىك يەرگە ئۆستەڭمۇ ئېلىنغانۇ، لېكىن ئۇنى ياۋا چوشقىلار بىرلا كېچىدە تىلغاپ تىندۇرۇۋەتكەن.

بەيگە

ئىسىم ①ئات چاپتۇرۇش مۇسابىقىسى: ئات بەيگىسى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. مۇسابىقە، بەسلىشىش: كېلىڭلار بەيگىگە دوستلار، سىنايلى جەڭدە غەيرەتنى، جاسارەتنى كۆرەك ئەيلەپ، تەشەككۇر مۇنبىرى كەلدى.

بەڭگى

ئىسىم [پېئىل] ①نەشە چېكىدىغان ئادەم: ئۇ خۇددى مەجۈن شوراپ، توختىماي كۈلىدىغان قوتۇر چىراي بەڭگى قىياپىتىگە كىرگەنىدى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. تاماكا، ناس قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆپ چېكىشكە ئادەتلەنگەن كىشى.

بەڭگىدىۋانە

ئىسىم [بەڭگى+دىۋانە] <بوتانىكا> چەيزە ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ؛ تەمى ئاچچىق بولۇپ، زەھەرلىك، مەست قىلىپ ئاغرىق توختىتىدۇ؛ رېماتىزمنى داۋالايدۇ؛ يۆتەل ۋە دەم سىقىلىشنى پەسەيتىدۇ.

بەھرىسىز

سۈپەت ①پايدا، مەنپەئەت ئېلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولغان: باھاردىن بەھرىسىز كەتكەن چېۋەر ئوغۇلنى ئەسلەيمەن. ②بەھرىسى، مەنپەئىتى يوق: ئوغۇل-قىزلار باغۋەن بولسۇن ئەل ئۈچۈن، بۇ دەرەخنى قالدۇرمىسۇن بەھرىسىز.