ب

بەھرىسىز

سۈپەت ①پايدا، مەنپەئەت ئېلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولغان: باھاردىن بەھرىسىز كەتكەن چېۋەر ئوغۇلنى ئەسلەيمەن. ②بەھرىسى، مەنپەئىتى يوق: ئوغۇل-قىزلار باغۋەن بولسۇن ئەل ئۈچۈن، بۇ دەرەخنى قالدۇرمىسۇن بەھرىسىز.

باجىڭگىر

ئىسىم [خەنزۇچە<رۇسچە] كۆن، خۇرۇم قاتارلىق رەختلەردىن تىكىلگەن كالتە قونچلۇق، بوغقۇچلۇق ئاياغ كىيىمى، قونچلۇق توپلەي: ئابلىكىمنىڭ ئالدىدا باجىڭگىر كىيىۋالغان تەمبەل بىر يىگىت مەزمۇت قەدەملەر بىلەن كېتىپ باراتتى.

بارومېتىر

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] <مېتېئورولوگىيە> ئاتموسفېرا بېسىمىنى، ھاۋا رايىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب. ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ، بارومېتىردىكى سىماب يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ ياكى تۆۋەنلەيدۇ.

باز-بازغا چۈشمەك

ھۈرپەيمەك، دىۋىنماق، بازغىشماق (توخۇلارنىڭ سوقۇشۇش ئالدىدىكى ھەرىكەتلىرىگە ئېيتىلىدۇ): بۇ ئىككىيلەن باز-بازغا چۈشكەن خورازلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈۋاتقاندەك، ھىجىيىپ تۇرۇشاتتى.