ب

بەس سالماق

بىرەر ئىش، ئەمگەك، ۋەزىپە قاتارلىقلارنى بېجىرىشنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىشمەك، بىر-بىرىگە قاراپ ئىشلىمەك: ئەبىلغازى ھېيتەكلەرگە بۇرۇلدى دە:-قويۇشە، بەس سېلىشماي، ما ئىشنى تۈگىتىۋېتەيلى، دېدى.

بەشىرە

ئىسىم [ئەرەبچە] ①يۈز، چىراي، قىياپەت: كۈلگەندە ئۇلارنىڭ بەشىرىسى ئاشۇنداق بولۇپ كېتىدۇ. ②كىشىنىڭ روھىي ھالىتى، تەبىئىتى ۋە ئىچكى قىياپىتىنى ئىپادىلەيدىغان سىرتقى كۆرۈنۈش:-كۆزلىرى نېمىدېگەن كۆك، چېقىر كۆز،-دەپ يېقىمسىز ئويلىدى مەتقۇربانباي،-چېقىر كۆزلۈك شەيتاننىڭ بەشىرىسى دەيدىغان. ③يامان خاراكتېر، يامان نىيەت: ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن ھەقىقىي بەشىرىسىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

بەھرىسىز

سۈپەت ①پايدا، مەنپەئەت ئېلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولغان: باھاردىن بەھرىسىز كەتكەن چېۋەر ئوغۇلنى ئەسلەيمەن. ②بەھرىسى، مەنپەئىتى يوق: ئوغۇل-قىزلار باغۋەن بولسۇن ئەل ئۈچۈن، بۇ دەرەخنى قالدۇرمىسۇن بەھرىسىز.

باجىڭگىر

ئىسىم [خەنزۇچە<رۇسچە] كۆن، خۇرۇم قاتارلىق رەختلەردىن تىكىلگەن كالتە قونچلۇق، بوغقۇچلۇق ئاياغ كىيىمى، قونچلۇق توپلەي: ئابلىكىمنىڭ ئالدىدا باجىڭگىر كىيىۋالغان تەمبەل بىر يىگىت مەزمۇت قەدەملەر بىلەن كېتىپ باراتتى.