ب

بىخ

[پارسچە] ①ئىسىم. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز، غول ۋە شاخلىرىدىن يېڭى ئۆسۈپ چىققان قىسمى، تېرىلغان ئۇرۇقلاردىن چىققان ئۈندۈرمە: بىخ سۈرمەك. بىخ چىقارماق. ②سۈپەت <بىئولوگىيە> بىخ ھالەتتىكى، يېڭى: بىخ سپورا. ③ئىسىم. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. مەيدانغا كەلگەن يېڭى يۈزلىنىش، خاھىش: بۇ زىددىيەت ھازىرقى زاماندىكى بارلىق توقۇنۇشلارنىڭ بىخلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

بىرلەشمەك

پېئىل ①ئۆزئارا تۇتاشماق، ئۇلانماق، بىر-بىرىگە تېگىشمەك: ئاستا-ئاستا ئىككى گەۋدە بىرلەشتى. ②بىر-بىرىگە قوشۇلماق، ئۇيۇشماق: بىر ئېيىق بىلەن بىر دېھقان ئاغىنە ئىكەن. ئۇلار بىر يىلى بىرلىشىپ ياڭيۇ تېرىپتۇ.

بىقارار

[پارسچە، ئەرەبچە] ①سۈپەت. بىر خىل تۇرمايدىغان، تۇراقسىز، ئۆزگىرىشچان: ئۇ پۈتۈنلەي بىقارار بىر ھالەتتە ئىدى. ②رەۋىش. بىر قارار، بىر پىكىرگە كېلەلمىگەن؛ قارارسىز، ئىككىلەنگەن: ئۇ تېخى بۇ ئىشتا بىقارار ئىدى. ③رەۋىش. كۈتۈپ تۇرالمايدىغان، ئىنتىزار، بىتاقەت: بۇ يىگىت مەلىكىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرمەستىن ئاشىق بىقارار بولغانىكەن.