ب

بەرق ئۇرماق

①چاقنىماق، پارقىرىماق، يالتىرىماق: تاۋلىنىپ رەڭدار گىلەمدەك بەرق ئۇرار ئوتلاق-ئېتىز، قاينىغان يايلاق ھاياتى مىسلى ئۆركەشلىك دېڭىز. ②نامايان بولماق، سېزىلىپ تۇرماق، كۆرۈنمەك: چىرايىدىن ھېسابسىز شادلىق تەبەسسۇمى بەرق ئۇرۇپ تۇرغان ياش ئاتا قابىلبېك چىقىپ كەلدى. ③ئۇلغايماق: قىزىدى ئۇسسۇل، ساما، دىللاردا شادلىق بەرق ئۇرۇپ، بولدى مەنبەسى ئۈزۈلمەس دەريا، فونتان قەشقىرىم.

بەشلىك

①سۈپەت. بەش كىشى ياكى بەش نەرسىدىن تەركىب تاپقان. ②سۈپەت. ئۈستىگە «5» بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن؛ «5» ئۆلچەم قىلىنغان (قارتا ئويۇنىدا): بەشلىك قاغا. ③ئىسىم <ئەدەبىيات> بەش مىسرادىن تەركىب تاپقان شېئىر تۈرى؛ مۇخەممەس.

بەگلىك

①ئىسىم. بەگلەرنىڭ ئورنى، ۋەزىپىسى؛ بەگلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى، ئەمىلى: ئۇ دائىم «خوجاھاپىز بەگ-ئالدى-كەينىڭىزگە قاراپ ئىش قىلىڭ، بەگلىك كېتىدۇ، يۇرت قالىدۇ «دەيدىغان. ②سۈپەت. بەگ قارمىقىدىكى، بەگلەرگە ئاتالغان: بىزنىڭ يۇرتنى ئوتتۇز ئىككى بەگلىك دېيىشىدۇ.

بەلىزگۈل

ئىسىم [بەلىز+گۈل] ئىسىم <بوتانىكا> مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۆزى پاكار، يوپۇرمىقىنىڭ كۆپ قىسمى تۈۋىدىن ئۆسىدۇ، شەكلى قوشۇق ياكى تۇخۇمغا ئوخشايدۇ؛ تىلسىمان گۈللىرى ئاق، ئاچ قىزىل، ياكى قىزىل رەڭلەردە؛ كانايسىمان گۈللىرى سېرىق رەڭدە بولىدۇ.