ب

باياۋان، باياۋانى

ئىسىم [پارسچە] مەھەللە-يۇرتتىن يىراق بولغان ۋە ئادەم ياشىمايدىغان سۇسىز چۆل؛ سەھرا، دەشت: پادىشاھ بىلەن خوتۇنى ئىككىسى ئارانلا جېنىنى ئېلىپ باياۋان تەرەپكە قېچىپتۇ.

باھالىماق

پېئىل ①سېتىلىدىغان مالنىڭ باھاسىنى، نەرخىنى بەلگىلىمەك؛ بېكىتمەك: كۆپچىلىك ئېنەكنى 400 يۈەن باھالىسىمۇ، كېرەم يەنىلا ساتماي تۇرۇۋالدى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئادەم، نەرسە ياكى ئىش-ھەرىكەتنىڭ ياخشى-يامانلىقى، سۈپىتى، دەرىجىسى، ئەھمىيىتى قاتارلىقلار ھەققىدە پىكىر بەرمەك، يەكۈن چىقارماق؛ باھا بەرمەك: كازىم ئەدەبىياتنى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر تەربىيىچىسى، كۈرەشچىسى سۈپىتىدە ناھايىتى يۇقىرى باھالايتتى.

بوپا

ئىسىم ①رەخت، قەغەز قاتارلىق نەرسىلەرگە ئوراپ، تېڭىلغان، چىگىلگەن تۈگۈنچە، يۈك: رەخت ساتقۇچى سېرىق قەغەزگە ئورالغان يوغان بىر بوپىنى ئالدىدىكى كىشىگە ئۇزاتتى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. كۆڭۈلدىكى ئەندىشە، ھاجەتسىز غەم-غۇسسە: ئىدىيىۋى بوپا.