ب

بېدە

ئىسىم <بوتانىكا> پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. بۇ ئاساسەن چارۋا ماللار ئۈچۈن ئوت-چۆپ قىلىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا يېشىل ئوغۇت ئۆسۈملۈكى ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. يېڭى چىققاندا ئۇنىڭدىن چۆچۈرە، جۇۋاۋا قاتارلىق تاماقلارمۇ ئېتىپ يېيىلىدۇ.

بېسىقماق

پېئىل ①بېسىلماق، پەسلىمەك، جىمىماق، تىنچىماق، توختىماق: ئەمەت ئۇستا ئۆزىچە تېرىكىپ-چېچىلىپ يەنە بېسىقىپ قالدى. ②ئازلىماق، شالاڭلاشماق، پەسەيمەك: كۈز كېلىپ ئېتىز-ئېرىقلاردىكى ئالدىراشلىقلارمۇ بېسىقتى.

بېشى چۈشمەك

①ئوسال ئەھۋالدا قالماق، تەن بەرمەك: ئەمەلىي پاكىتلار ئالدىدا ئەمەتنىڭ بېشى چۈشتى. ②روھسىزلانماق، چۈشكۈنلەشمەك: ئاكتىپلارنىڭ بېشى چۈشتى، دۈينى ساقلاپ قېلىش راستتىنلا ناھايىتى قىيىن ئىدى.