ب

بىخۇدلاشتۇرماق

«بىخۇدلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: خەلقنى زەھەرلەيدىغان، بىخۇدلاشتۇرىدىغان ئەپيۈن، نەشە قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە قارشى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش لازىم.

بىراق

باغلىغۇچى. تەڭداش جۈملىلەرنى قارىمۇ قارشى مۇناسىۋەتتە باغلاپ، ئالدىنقى جۈملىدىكى ئۇقۇمغا نىسبەتەن كېيىنكى جۈملىدىكى ئۇقۇمدا بولىدىغان بۇرۇلۇشنى بىلدۈرىدۇ: شۇ پەيتتە ئىسھاق پىلىموتنى كۆتۈرۈپ ئۇچقاندەك يۈگۈردى، بىراق تۈتەكلەر ئارىسىدىن ئۇچۇپ كەلگەن ئوقلار ئۇنى بىردىنلا توختىتىپ قويدى.

بىردەم

رەۋىش [بىر+دەم] ①بىرپەس، بىرئاز: دادام ماڭا قاراپ بىردەم ئۈنسىز تۇردى. ②تەكرارلىنىپ كېلىپ «بەزىدە، گاھىدا» دېگەن مەنىدە ئايرىغۇچى باغلىغۇچى رولىدا كېلىدۇ: دۈشمەنلەر بالىنى بىردەم ئۇرۇپ، بىردەم قورقۇتۇپ ئەكەلدى.