پېئىل ①كىر، پاسكىنا قىلماق: كىيىمىنى بۇلغىماق. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. داغ چۈشۈرمەك، قارا سۈركىمەك: شەنىنى بۇلغىماق. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. تەركىبىگە پاسكىنا، ناپاك نەرسىنى ئارىلاشتۇرماق: ھاۋانى بۇلغىماق. سۇنى بۇلغىماق. ④باش ۋە قولىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئايلاندۇرۇپ بېشارەت بەرمەك؛ جاۋاب بەرمەك: ياق، ياق،-پروفېسسور قول بۇلغىدى.