ب

باش كۆتۈرمەك

①ئۈنۈپ چىقماق، باش تارتماق: تۆكۈلگەن تەر، قانۇياشلاردىن، ئۈمىد گۈلىكۆتۈرمەكتە باش. ②ئۆرلىمەك، كۆتۈرۈلمەك (ئاي ۋە قۇياش ھەققىدە): تاڭ ئاقىرىپ، ئۇپۇقتىن باش كۆتۈرۈپ چىققان قۇياش پۈتۈن جاھاننى يورۇتتى. ③پەيدا بولماق، قايتا جانلانماق، تىرىلمەك: ئۇ قەلبىدە زورىدۇنغا قارىتا خەيرخاھلىق تۇيغۇسى باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى. ④قوزغالماق، قارشى چىقماق: تەشۋىق ۋەرەقلىرىگە گومىنداڭغا قارشى باش كۆتۈرۈشنىڭ، ئازادلىق سېپىگە ئۇيۇشۇشنىڭ لازىملىقى يېزىلغانىدى. ⑤قەد كۆتۈرمەك: بىزنىڭمۇ باش كۆتۈرۈپ چىقىدىغان كۈنىمىز كېلىدۇ، يۈرەك يېزىلغۇدەك خۇشال بولىدىغان كۈنىمىز كېلىدۇ، ئۇزاق قالمىدى. ⑥داڭ چىقارماق، مەشھۇر بولماق: ئۇ ئۈرۈمچىدە ھازىر خېلى باش كۆتۈرۈپ قالدى.

باشلىق

①ئىسىم. باشچىلىق قىلغۇچى مەسئۇل كىشى؛ رەھبەر: ئائىلە باشلىقى. ئىدارە باشلىقى. ②سۈپەت. باشچىلىقىدىكى، يېتەكچىلىكىدىكى، ۋەكىللىكىدىكى: بۇ يەرگە ساۋۇت باشلىق ۋە سېخ مەسئۇللىرىمۇ كەلگەنىدى. ③سۈپەت. بېشى (كاللىسى) بار، باشقا ئىگە: ئاق باشلىق بوۋاي. ④ئىسىم. خالات، يامغۇرلۇق قاتارلىق كىيىملەرنىڭ باشقا كىيىدىغان قىسمى: پۇتۇمدىكى پىيما، ئۈستۈمدىكى پاختىلىق چاپان، باشلىقى بار ئاق خالات ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىشقا كاشىلا قىلاتتى. ⑤ئاياغ كىيىمنىڭ يۈزىنى قاپلاپ تۇرىدىغان قىسمى: ئۆتۈككە باشلىق سالدۇرماق.

باغلام

ئىسىم ①توپلاپ، دەستىلەپ باغلانغان نەرسىلەرنىڭ ھەربىر بېغى: ئۇنىڭ كۆزى بىرنەچچە باغلام ئون كويلۇق پۇلغا چۈشتى. ②ساناق سانلار بىلەن كېلىپ، باغلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ: بىر باغلام پىياز. بىر باغلام شاخ.

باكتېرىئولوگىيە

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] <بىئولوگىيە> باكتېرىيىلەرنىڭ ھالىتى، تۈزۈلۈشى، تۈرى ۋە ھاياتىي پائالىيەت قانۇنىيىتىنى؛ باكتېرىيىلەرنىڭ سانائەتتىكى ئېچىتىش ھەم ئىنسان ۋە جانلىقلاردا بولىدىغان كېسەللىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم؛ باكتېرىئولوگىيە.