ب

بالا، بالاسى

ئىسىم. ①[ئەرەبچە] ئىسىم. باشقا كەلگەن ئاپەت؛ پالاكەت؛ خەۋپ-خەتەر: ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي داۋاغا (ماقال). ②ئاپەت، خەۋپنىڭ سەۋەبى؛ ئىللىتى: بىر بالاسى بولمىسا، قۇيرۇق ياتامدۇ تاشتا (ماقال). ③سۈپەت. قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدىغان؛ ئۇستا، چېۋەر، ماھىر: قاسىم دوستىنىڭ دولىسىغا قېقىپ تۇرۇپ:-سۆزگە بالا نېمە ئىكەنسەن،-دەپ ماختاپ قويدى. ④ئىسىم. ناھايىتىزور، ھېچ نەرسە كار قىلمايدىغان نەرسە. ⑤[پارسچە] <بىناكارلىق> ئۆينىڭ ئۈستىنى يېپىشتا سىنجى ياغاچ ئۈستىگە توغرىسىغا قويۇلىدىغان ۋە ئۈستىگە ۋاسا ئورنىتىلىدىغان ياغاچ؛ جەگە.

بالبال

ئىسىم <ئارخېئول> قەدىمكى تۈرك ھۆكۈمرانلىرى قەبرىگاھ ياكى قورغان ئەتراپلىرىغا خاتىرە سۈپىتىدە ئورنىتىپ قويىدىغان، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە تاش. بۇلارنىڭ بەزىلىرىدە ئويما ياكى قاپارتما يېزىق ۋە بەلگىلەر بولىدۇ.

بايراقدار

ئىسىم. بىرەر ئىجتىمائىي-سىياسىي ھەرىكەت، ئىلغار پىكىر، يېڭىلىق ۋە تەرەققىيپەرۋەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا يېتەكچى ياكى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان، نەمۇنە، ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كىشى؛ باشلامچى: لۇشۈن يېڭى مەدەنىيەت قوشۇنىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ باتۇر بايراقدارى.

بوتانىكا

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈزۈلۈشى، ئۆسۈشى ۋە ھاياتىي رولىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى؛ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى، تەدرىجىي تەرەققىياتى، تارقىلىشى ۋە ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.