ب

بوزلىماق

پېئىل ①ھىڭگان (چىشى تۆگە) نىڭ تايلىقىنى، تايلاقنىڭ ئانىسىنى سېغىنغان ۋاقتىدا چىقارغان ئاۋازى ھەققىدە ئېيتىلىدۇ. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئاۋاز چىقىرىپ يىغلىماق، نالە قىلماق: كېيىن ئۇ بالا جىنازىغا ئۆزىنى ئېتىپ شۇنداق بوزلىدىكى، ئۇنىڭ مىسكىن زارىدىن يەر يېرىلىپ، تاغۇتاشلار ئېرىپ كەتكۈدەك بولدى.

بوسۇغا

ئىسىم ①ئىشىك، دەرۋازا كېشەكلىرىنىڭ ئاستىغا قويۇلغان توغرا ياغاچ ياكى خىش، تاش، سېمونت قاتارلىقلاردىن قىلىنغان توسما: ئەكبەر كەنت ئىشخانىسىغا كىرىۋېتىپ بوسۇغىدا توختاپ قالدى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئۆي، قورۇنىڭ ئالدى: بۇ ئىككى ئەۋلاد ئەلمىساقتىن تارتىپ ياتقا قىز بەرمەيدىغان، ياتنى بوسۇغىسىغا يولاتمايدىغان كىشىلەر ئىدى. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. شەھەر، يېزا-قىشلاقلارغا كىرىشتىكى ئەڭ يېقىن جاي:-ئاپلا.. . دۈشمەن بىزنىڭ بوسۇغىمىزدىلا يۈرۈپتۇ-دە،-دېدى كامال ۋە ئالدىراپ باتۇر تەرەپكە كەتتى. ④كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىرەر نەرسە، ئىش-ھەرىكەت، ۋەقە ياكى ھادىسىنىڭ باشلىنىشىغا يېقىن قالغان پەيت؛ باشلىنىشى، كىرىش قىسمى: بۇ ئايالنىڭ بالىسى ئۆلۈم بوسۇغىسىغا كېلىپ قاپتۇ. ⑤ئۆستەڭ، ئېرىقلاردىكى زاكۇ، ئازما، سەكرەتمىلەرنىڭ تاختاي بىلەن سۇنى توسقاندا تاختايغا ھىملىشىپ تۇرىدىغان ياغاچتىن ياكى سېمونتتىن تەييارلانغان تاپان: ئازمىنىڭ بوسۇغىسى.