ب

بۆسمەك

پېئىل ①قورشاۋ، توسالغۇنى يېرىپ، ئۆتمەك: باشلىدى قالغان يىگىتنى ئېتىلىپ دۈشمەنگە قىز، بۇيرۇدى قورشاۋنى بۆسمەكنى ئۇلارغا شۇنچە تېز. ②قول ياكى پىچاق قاتارلىقلار بىلەن يېرىپ پارچىلىماق: قاسساپ كانارىغا پۈتۈن پېتى ئېسىقلىق تۇرغان قوينىڭ گۆشىدىن بىر ئارقا پۇتنى شارتتىدە بۆستى-دە، گىرغا سالدى. ③يارماق، سۆكمەك: تاغارنى تىكىشىدىن بۆسۈۋەت.

بۆلۈش

ئىسىم <ماتېماتىكا> بۆلۈش ئەمىلى ۋە ئۇنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە (÷). بەزىدە ئۇنىڭ ئورنىغا توغرا سىزىق، يانتۇ سىزىق ياكى قوش چېكىت (:) ئىشلىتىلىدۇ. ②ئىسىم <لوگىكا> تەپەككۇردە ئەينى بىر جىنس ئۇقۇمنى شۇ جىنس ئۇقۇم تەركىبىدىكى بىرقانچە تۈر ئۇقۇمغا ئايرىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.