ب

باسقۇچلۇق

سۈپەت ①پەلەمپىيى، باسقۇچى بار: ئۇ تۆت باسقۇچلۇق پەلەمپەينى بېسىپ پېشايۋانغا چىقتى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئۆزئارا باغلانغان، باسقۇچلارغا، بۆلەكلەرگە، دەۋرلەرگە بۆلۈنگەن: ئىنقىلابنىڭ تەرەققىياتى باسقۇچلۇق بولىدۇ. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. قەدەممۇقەدەم، دەرىجىمۇدەرىجە، باسقۇچمۇباسقۇچ: بۇ ئىشقا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، پىلانلىق ۋە باسقۇچلۇق ھالدا ئېلىپ بېرىش كېرەك.

باش توخۇ

①تاڭ ئالدىدا بىرىنچى قېتىم چىللىغان توخۇ: مەن بالىخانىدىكى سارايغا ئۇخلىغىلى چىققاندا باش توخۇ چىللىغانىدى. ②تاڭ ئالدىدا بىرىنچى قېتىم توخۇ چىللىغان ۋاقىت: بۈگۈن ئالىم ئۆيدە يالغۇز قالغانلىقى ئۈچۈن باش توخۇغىچە كىتاب ئوقۇدى.

باشلاتماق

①«باشلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: مىراب ئۈستىدە تۇرۇپ يېڭى چاپقان ئېرىققا سۇ باشلاتتى. ②«باشلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: مەن ئالدىنقى يىلى ئالغان خۇرۇم ئۆتۈكۈمنى بۇ يىل يېڭىدىن باشلاتتىم.

باغلىق

①سۈپەت. بېغى بار، باغقا ئىگە: ئۇنىڭغا خىزىرنىڭ بىر باغلىق ھويلىسى تەقسىم قىلىندى. ②باغ ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، باغ قىلىنىدىغان: ئۇنىڭ بېغى بولمىغانلىقتىن بۇ قېتىم بىر مو باغلىق يەر بېرىلدى. ③ئىسىم. باغلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ئۆزىدىن ياكى باشقا نەرسىلەردىن ياسىلىدىغان باغ: ئۇلار بىر تەرەپتىن باغلىق ئېشىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزلىرى باغلاپ باراتتى. ④سۈپەت. باغلاقلىق: يۈسۈپ ئاكا خەۋەر ئالغىن ھالىمدىن، قولۇم باغلىق زۇلۇم بىرلە ئۆلۈرمەن. ⑤تىركەلمە سۆز. مۇناسىۋەتلىك، چېتىشلىق ئالاقىدار: بۇ ئىش ھەرقايسىلىرىغا باغلىق.