ب

باش توخۇ

①تاڭ ئالدىدا بىرىنچى قېتىم چىللىغان توخۇ: مەن بالىخانىدىكى سارايغا ئۇخلىغىلى چىققاندا باش توخۇ چىللىغانىدى. ②تاڭ ئالدىدا بىرىنچى قېتىم توخۇ چىللىغان ۋاقىت: بۈگۈن ئالىم ئۆيدە يالغۇز قالغانلىقى ئۈچۈن باش توخۇغىچە كىتاب ئوقۇدى.

باشلاتماق

①«باشلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: مىراب ئۈستىدە تۇرۇپ يېڭى چاپقان ئېرىققا سۇ باشلاتتى. ②«باشلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: مەن ئالدىنقى يىلى ئالغان خۇرۇم ئۆتۈكۈمنى بۇ يىل يېڭىدىن باشلاتتىم.

باغلىق

①سۈپەت. بېغى بار، باغقا ئىگە: ئۇنىڭغا خىزىرنىڭ بىر باغلىق ھويلىسى تەقسىم قىلىندى. ②باغ ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، باغ قىلىنىدىغان: ئۇنىڭ بېغى بولمىغانلىقتىن بۇ قېتىم بىر مو باغلىق يەر بېرىلدى. ③ئىسىم. باغلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ئۆزىدىن ياكى باشقا نەرسىلەردىن ياسىلىدىغان باغ: ئۇلار بىر تەرەپتىن باغلىق ئېشىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزلىرى باغلاپ باراتتى. ④سۈپەت. باغلاقلىق: يۈسۈپ ئاكا خەۋەر ئالغىن ھالىمدىن، قولۇم باغلىق زۇلۇم بىرلە ئۆلۈرمەن. ⑤تىركەلمە سۆز. مۇناسىۋەتلىك، چېتىشلىق ئالاقىدار: بۇ ئىش ھەرقايسىلىرىغا باغلىق.

بال

①ئىسىم <يېزىق تىلى> ھەسەل: چىمەنلەرنىڭ لېۋىدىن تۆكۈلدى ئەنبەر، ئالما، ئانار باغرىدىن ئاقتى بال، شېكەر. ②مىقدار سۆز [رۇسچە<فرانسۇزچە] <مېتېئورولوگىيە> يەر تەۋرەش ۋە شامال قاتارلىق تەبىئىي ھادىسىلەرنىڭ كۈچىنى بىلدۈرىدىغان ئۆلچەم بىرلىكى: بەش بال شامال. ئالتە بال يەر تەۋرەش.

بالداقمۇبالداق

①بىر بالداق بىر بالداقتىن. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. پەللىمۇ پەللە، دەرىجىمۇ دەرىجە، پەيدىنپەي: داپنى چېلىشتا ئاددىي بىرلەشتۈرۈشتىن باشلاپ، تەدرىجىي ھالدا بالداقمۇبالداق مۇرەككەپلىككە قاراپ ئىلگىرىلەيمىز.