ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى

يىلتىز كۆچۈرۈش

<دېھقانچىلىق> بەزى ئۆسۈملۈكلەرنى كۆپەيتىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. بۇنىڭدا، ئۆسۈملۈك يىلتىزى بىر نەچچە پارچە كېسىلىپ، تۇپراققا كۆمۈلگەندىن كېيىن، ھەربىرى مۇستەقىل بىر تۈپ بولۇپ يېتىلىدۇ.

يىلتىز كۆرسەتكۈچ

<ماتېماتىكا> يىلتىزلىق ئىپادىدىكى يىلتىز بەلگىسىنىڭ سول تەرەپ يۇقىرى بۇرجىكىگە يېزىلىدىغان سان. مەسىلەن، تۆۋەندىكى يىلتىزلىق ئىپادىدىكى 4 رەقىمى يىلتىز كۆرسەتكۈچتۇر.

∜(a+b)

يىلتىز ئۇچى

<بوتانىكا> يىلتىزنىڭ ئەڭ ئالدى تەرىپىدىكى تەخمىنەن بىر سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قىسمى. يىلتىز غىلىپى، ئۆسۈش نۇقتىسى، ئۇزىراپ (ئۇزىرىپ) ئۆسكۈچى قىسمى ۋە يېتىلگەن قىسمىدىن ئىبارەت تۆت قىسىمغا بۆلىنىدۇ. يىلتىز ئادەتتە يىلتىز ئۇچىغا تايىنىپ ئۆسىدۇ ۋە سۇ سۈمۈرىدۇ.

يىلتىز ئۇلاق

<ئورمانچىلىق> بىر خىل ئۇلاق شەكلى، يەنى دەرەخ يىلتىزىنى ئۇلاق تۈۋى قىلىپ ئۇلاش ئۇسۇلى. بۇنىڭدا، كۆچەت يىلتىزى 8-6 مىللىمېتىر يېرىلىپ ئىسكىنە ئۇلاق قىلىنىپ، كۆچەتخانىغا تىكىلىپ كۆچەت يېتىشتۈرۈلىدۇ. يىلتىز ئىنچىكە بولسا، ئۇلاق تۈۋى يېرىلىپ، قىپچا سانجىلىدۇ.

يىلتىزى چىڭىماق

ئورنى مۇستەھكەملەنمەك، مەزمۇت، مىدىرلىماس بولۇپ ئورۇنلاشماق، مەزمۇت ئورۇنلىشىپ كەتمەك: دېمىسىمۇ، شۇنداق مۇددىئايىمىز يوق ئەمەس، لېكىن ئاغىچىنىڭ يىلتىزى چىڭىپ، قورسىقى دومبىيىپ قالغۇچە كەشىسىنى توغرىلىمىساق، كېيىنچە قۇتۇلغىلى بولماي قالىدۇ ئەمەسمۇ؟

يىلتىزىغا پالتا چاپماق

قاتتىق زەربە بەرمەك، ھالاكەتكە يۈزلەندۈرمەك:-خەلقىمىز بىر كۈنى بولمىسا بىركۈنى كۆتۈرۈلۈپ، جاھالەتنىڭ يىلتىزىغا پالتا چاپماي قويمايدۇ،-دېدى پەرھات گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ.