ي

يىلتىزداش سۆزلەر

<تىل> بىر سۆز يىلتىزى ئاساسىدا ياسالغان سۆزلەر. مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلىدا «باش» دېگەن سۆز ئاساسىدا «باشلىق»، «باشلىماق»، «باشلامچى»، «باشلانغۇچ»، «باشباشتاق»، باشپاناھ»، «باشچىلىق»، «باشقارما» قاتارلىق سۆزلەر ياسالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى يىلتىزداش سۆزلەردۇر.

يىلتىزسىمان غول

<بوتانىكا> يەر ئاستى غولىنىڭ بىر قىسمى. ئادەتتە ئۇزۇن بولىدۇ. يەر ئاستىدا توغرىسىغا ئۆسىدۇ، سىرتقى شەكلى يىلتىزغا ئوخشايدۇ، ئەمما بوغۇمى بولىدۇ. يىلتىز غىلىپى بولمايدۇ، بەلكى چوققا بىخى بولىدۇ. مەسىلەن، نېلۇپەر، قومۇش قاتارلىقلارنىڭ يەر ئاستى غولىغا ئوخشاش.

يىلتىزلىق

سۈپەت ①يىلتىزى بار، يىلتىز تارتقان: يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەينى چاغدىكى ياش كۆچەت ئەنە شۇنداق چوڭقۇر يىلتىزلىق دەرەخكە ئايلانغانىدى. ②<ماتېماتىكا> يىلتىز بەلگىسى بار، يىلتىز بەلگىسى ئىچىگە ئېلىنغان: يىلتىزلىق ئىپادە.

يىلتىزلىق تىل

<تىل> تىپلار بويىچە تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، سۆزلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئاساسىي ئۆلچەم قىلىپ ئايرىپ چىقىلغان تىل تىپلىرىنىڭ بىرى. بۇنداق تىللارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، سۆزلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا گرامماتىكىلىق مەنە ئاڭلىتىدىغان مەخسۇس قوشۇمچە بەلگە يوق. سۆزلەر قوشۇمچە قوشۇش ئارقىلىق ياسالمايدۇ ياكى شۇنداق بولغاندىمۇ رولى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ. سۆزلەردە مورفولوگىيىلىك تۈرلىنىش بولمايدۇ ياكى بولسىمۇ ناھايىتى كەم بولىدۇ. جۈملىدە سۆزلەر بىلەن سۆزنىڭ مۇناسىۋىتى پەقەت سۆزلەرنىڭ رەت تەرتىپى ئارقىلىق ياكى ياردەمچى سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، خەنزۇ تىلى ئادەتتە مۇشۇ تىپتىكى تىللارغا كىرىدۇ.

يىلتىزلىق ئىپادە كوئېففىتسېنتى

<ماتېماتىكا> يىلتىزلىق ئىپادىنىڭ ئالدىدىكى راتسىئونال كۆپەيتكۈچى. مەسىلەن، يىلتىزلىق ئىپادە 2√4 ۋە c√ab لارنىڭ كوئېففىتسېنتلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4 ۋە c بولىدۇ.