ئالىم ئەھەت

ئاتالماق

1. «ئاتىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ «ھۈسەن پارتىزان» دەپ ئاتىلىپ يۈردى.
2. «ئاتىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: ئۇلارنىڭ بارلىقى مۇشۇ ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئاتالغانىدى.

ئاتايىن

رەۋىش [ئەرەبچە] ①مەخسۇس، ئالاھىدە بىر مەقسەتنى كۆزلەپ، ئەتەيلەپ: مەن ئاتايىن كونىشەھەرگە كىرىپ، بىلال ئەزىزىگە ئاكامنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈپ قوياتتىم. ②مەقسەتلىك؛ قەستەن: كېنىزەكنىڭ سېنىڭ ئىكەنلىكىنى ۋەزىر بىلگەن بولسا كېرەك. ئۇ ئاتايىن قىستاۋاتىدۇ.

ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەسلىك

ئىلگىرىكى مەۋقە ياكى مەرتىۋىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ چوڭچىلىق ۋە تەكەببۇرلۇقىنى تاشلىماسلىق: ئۇ ئىلىگىرىكىدەك قولىنى نەگە سۇنسا شۇ يەردىن يۇلۇپ يىگۈدەك ھوقۇق-ئىمتىيازغا ئىگە بولمىغىنى بىلەن «ئاتتىن چۈشسىمۇ، ئۈزەڭگىدىن چۈشمەپتۇ» دېگەندەك، ھېلىھەم ناسىرئاخۇن ئائىلىسىنى نەزىرىگە ئىلمايتتى.

ئاتچوت

ئىسىم <ئىقتىسات> ھۆكۈمەت ئىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان تۈرلۈك خىراجەتلەرنى تۈرلەر بويىچە تىزىملىككە تۇرغۇزۇپ، رەھبەرلىك سېلىشتۇرۇپ تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئۇنى مالىيە ھېساباتىغا كىرگۈزۈش: ئاتچوت قىلماق.